قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى ئاپتوموبىلنى كۆندۈرۈش مەزگىلىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2018-02-09 13:08:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. ئاپتوموبىلنى ئوتتۇراھال سۈرئەتتە ھەيدەش كېرەك
نۇرغۇن كىشىلەر يېڭى ئاپتوموبىلنى كۆندۈرۈش مەزگىلىدە تېز ھەيدەشكە بولمايدۇ، ئاستا ھەيدەش كېرەك دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا! نورمال ئەھۋالدا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتىگە ئەمەس، ماتورنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىگە قارايمىز. ئادەتتە بېنزىن ماتورىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى 2000 بىلەن 3000 ئارىلىقىدا، دىزېل ماتورىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى 1000 بىلەن 2000 ئارىلىقىدا بولسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتوموبىلنى ئوتتۇرىچە سۈرئەتتە ھەيدەش، قاتتىق تورمۇزلاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2.ئاپتوموبىلنى يېنىك تۇتۇش كېرەك
يېڭى ئاپتوموبىلغا بەك ئېغىر نەرسە قويماسلىق كېرەك، يەنى يېڭى ئاپتوموبىلغا سالىدىغان يۈك %70 تىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3.ئۇزاق ۋاقىت ھەيدەشتىن ساقلىنىش كېرەك
نۇرغۇن دوستلار يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەتىگەندىن كەچكىچە توختاتماي ھەيدەيدۇ، بەزىلىرى ھەتتا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا زاپچاسلارنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ ھەمدە ماتور توختىماي ئېغىر خىزمەت قىلغانلىقتىن، ماتورنىڭ يادرولۇق قىسىملىرىنىڭ ئۇپرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئاپتوموبىلنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن قىزىتىش كېرەك
ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئوبوروت ھالىتىدە سىلىقلاش مېيى ھەممە ئورۇنغا بېرىپ بولالماي، ئاسانلا ئۇپراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى ئاپتوموبىلغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن، بىر مىنۇت ئەتراپىدا قىزىتىش، قىش كۈنلىرى سەل ئۇزۇنراق قىزىتىش لازىم.
5.ئاپتوموبلىنى بەك كۈچلۈك ھەيدىمەسلىك كېرەكيېڭى ئاپتوموبىلنى كۆندۈرۈش مەزگىلىدە، ئاپتوموبىلنى بەك كۈچلۈك ھەيدەشتىن ساقلىنىش لازىم. قارىماققا كىچىك بەزى ھەرىكەتلەرمۇ ئاپتوموبىلنىڭ كېيىنكى ئىشلىتىش ئۆمرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە 5000 كىلومېتىرغا يەتكەندە كۆندۈرۈش مەزگىلى توشقان بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى