قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇلىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ

2018-02-10 23:20:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەتتە مالىيە باشقۇرغۇچىلار، نۇرغۇن كىشىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەتنىڭ بىرى- ئادەم بىلەن پۇلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغانلىقى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي «مەن پۇلغا ئۆچ»، «مەن خامچوت ئىشلەشنى ياخشى كۆرمەيمەن»، «مەن پۇلنى قانداق خەجلەشنى بىلمەيمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىشىدۇ.
بۇ سەل قارىساق بولمايدىغان مەسىلە، چۈنكى ھەر قانداق كىشى كىرىم- چىقىمنىڭ تەڭپۇڭ بولۇپ، بايلىقنىڭ كۆپىيىشىنى، بۇنىڭدىن پۇلغا ئىگە بولۇش ئىشەنچىگە ئېرىشىشنى ئويلايدۇ. شۇڭا، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز بىلەن پۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئوبدان پىلانلاپ، پۇلنىڭ تۇرمۇشىڭىزدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز كېرەك.
 جەمئىيەتشۇناسلار كىشلەرنىڭ رومانتىك سۆيگۈنى قانداق قوغدىشى، ئاسرىشى توغرۇلۇق قىممەتلىك سۆزلەرنى ئېيتقان. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنى ئاسرىسىڭىز، كۆڭۈل بۆلسىڭىز، قارشى تەرەپ بىلەن مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ئورنىتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ سۆيگۈ پىرىنسىپىنى كىشىلەر بىلەن پۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە تەتبىقلىسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەگەر سىز جايىدا مەبلەغ سېلىپ، ھەم پۇل تېپىپ ھەم خەجلىيەلىسىڭىز پۇلنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلالايسىز، ھېچبولمىغاندا سىز پۇلغا ئېھتىياجلىق ۋاقتىڭىزدا، پۇل سىزگە «ياردەم قولىنى سوزۇپ» سىزنى يۆلەيدۇ.
خامچوت تۇرغۇزۇش
بەختكە چۆمگەن سۆيگۈ ئىچىدە ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئۇششاق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. مەسىلەن قارشى تەرەپ ئامراق بولغان ماروژنى، ياخشى كۆرىدىغان توپ كوماندىسى دېگەندەك. ئەگەر سىز قارشى تەرەپنىڭ نەچچىدە ئۆيدىن چىقىپ قايسى ۋاقىتتا قايتىپ كېلىدىغانلىقى بىلەنمۇ كارىڭىز بولمىسا، بۇ مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ سۇسلىشىپ كەتكىنىنى بىلدۈرىدۇ.
كىشىلەر ئۆزىنىڭ پۇلىغا مۇئامىلە قىلغاندىمۇ دەل مۇشۇنداق خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ نەچچىلىك پۇل تاپقىنىنى، نەچچىلىك پۇل خەجلىگەنلىكىگە دىققەت قىلمايدۇ. مەلۇم كۈنلەرگە كەلگەندە پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئاشۇرۇپ چىقىم قىلغانلىقىنى ھېس قىلىشىدۇ.
بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى خامچوت تۇرغۇزۇش. مالىيە باشقۇرغۇچى ئوكۇر مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەسىلىھەت سورىغىلى كەلگەن خېرىدارلارغا خامچوت توغرۇلۇق سۆزلىسەم، ئۇلار <بولمايدۇ، مەن ھەرقانداق ئىشقا خامچوت تۇرغۇزغىلى تۇرسام، يەپ- ئېچىش، كىيىم كىيىشىممۇ يوق بولىدۇ> دېيىشىدۇ. لېكىن، خامچوت تۇرغۇزۇش ھەرگىز سىزنى چۈشەپ قويۇش بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ بايلىقىڭىزنى ئوبدان باشقۇرۇش ئۈچۈندۇر.»
بىر قىسىم خېرىدارلار ھەقىقەتەن خامچوت ئىشلەشكە سەۋر قىلالمايدۇ، ئوكۇر ئۇلارغا ئاددىي بولغان ھېسابات يېزىپ ئۆزىنىڭ كىرىم- چىقىم ئەھۋالىنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىش تەكلىپىنى بەرگەن. يەنە بىر ئۇسۇل بولسا ھېسابات خاتىرلەش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىرىم- چىقىمىنى بىلىپ تۇرۇشتۇر.
پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالماسلىق
مۇنداق كىشىلەر بولىدۇ، ئەر ياكى ئايال بولسۇن يېڭى لايىق تاپقاندا، بۇرۇنقى قىزىقىشى، دوست ۋە ھەۋەسلىرىنى پۈتۈنلەي چۆرىۋېتىپ يېڭىدىن تاپقان لايىقىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
ئەگەر سىز ھەر قېتىم ئاپتوماتىك پۇل بەرگۈ ئالدىدا پۇل ئالماقچى بولغىنىڭىزدا كارتىڭىزدىكى پۇلنىڭ ئازلىقى ياكى جاپالىق يىغقان پۇلىڭىزنى خەجلىگىڭىز كەلمەي قالغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز، بۇ پۇلنىڭ سىزنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ خۇددى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغاندەك ئىش.
 كىشىلىك مۇناسىۋەتكە چىرمىلىپ قالغان كىشى ئادەتتە، پۇلغىمۇ چىرمىلىپ قالغان بولىدۇ. سىز مۇنداق ئويلىشىڭىز كېرەك: «مەن پۇلۇم ۋە لايىقىمنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمگە ياردەمدە بولۇشىنى، ھەرگىز پۇتلىكاشاڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. سىز شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىز كېرەككى، سىز كېلەركى قېتىم 20 يۈەن خەجلىگەن ۋاقتىڭىزدا، پۇل بىلەن بولغان چىرمىشىشىڭىزمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئازايغان بولىدۇ.
ئۆزىڭىزنى مېھمان قىلىڭ
سىز كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن پۇل يىغىۋاتقىنىڭىزنى بەكمۇ ئەيىبلەپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، بىرە- بىر ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز «مېھمان» قىلىپ قويۇڭ.
يەنە بىر مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى مۇتەخەسسىس ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ «سىتار باكىس»قا بېرىپ قەھۋە ئىچىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقى، لېكىن ئۆزىنىڭمۇ بېرىپ قەھۋە ئىچىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.  ئۇ: «بەزىلەر مېنى مالىيە باشقۇرغۇچى مۇتەخەسسىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەربىر تىيىن پۇلنىمۇ مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە پۇلنىڭ باشقا ئىشلىتىش يوللىرىمۇ بار. مەن تىرىشىپ پۇل تاپىمەن، شۇنداقلا قەھۋە ئىچىشنىمۇ ياخشى كۆرىمەن» دېگەن.
كۆپ قىسىم مۇتەخەسسىسلەر سىزگە ئەگەر سىز قەرزدار بولۇپ قالسىڭىز، ھەر بىر تىيىنىڭىزنىمۇ قەرز تۆلەشكە ئىشلىتىشىڭىزنى جېكىلەيدۇ.
لېكىن «سىزمۇ پۇل تاپالايدىغان كىشى بولالايسىز» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى جەن لوزىنپىلاگ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىز پۇل خەجلەشتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلمىسىڭىز، سىزدە پۇل تېپىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەم بولىدۇ. سىز مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقىنىڭىزدا يۈگۈرۈش جەريانىدا بىر يۇتۇممۇ سۇ ئىچمەيمەن دېسىڭىز بولمايدۇ. پۇل خەجلەپ يوگا ئۆگىنىپ چېنىقىڭ ياكى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان بىرەر كۇرسقا قاتنىشىڭ، بۇ ئىشلار تۇرمۇشىڭىزنى موللاشتۇرۇپ، روھىي بېسىمىڭىزنى يېنىكلىتىپ سىزنىڭ يەنىمۇ باي بولۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
نىشان تۇرغۇزۇڭ
يەنە بىر مالىيە باشقۇرغۇچى مۇتەخەسسىس مۇنداق دېگەن: «ئەگەر سىزنىڭ ھېچقانداق نىشانىڭىز بولمىسا سىز قەدەمدە بىر >تامغا ئۈسۈپ تۇرىسىز.>»
نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا ئەگەر سىز كېيىنكى بەش يىل، ئون يىل، 25 يىللىق بەخىتلىك تۇرمۇش نىشانىڭىزنى كۆزلىسىڭىز شۇنىڭغا يارىشا ئىشىڭىزمۇ كۈتكىنىڭىزدەك بولىدۇ. پۇلغا نىسبەتەنمۇ ئوخشاش، پۇل تېپىشىتىكى ئاخىرقى مەقسىتىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.
پۇل خەجلەشكە تېگىشلىك، لېكىن ئۇزۇن ۋاقىتقىچە سۆرەپ ئەمەلگە ئاشۇرمىغان بەش ئىشنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى قەلەم بىلەن يېزىڭ، بۇ سىزنىڭ پىكىر يوللىرىڭىزنى ئېچىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشىڭىزغا پايدىلىق. بۇنداق قىلسىڭىز سۆيگۈنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا پايدىلىق.
ئۇششاق- چۈششەك پۇللارغىمۇ سەل قارىماڭ.
خۇددى ئادەتتىكى بىر ئېغىز چاقچاق گەپ ھېسىياتقا دەخلى يەتكۈزمىگەنگە ئوخشاش، خالىغانچە ئۇششاق پۇللارنى خەجلەشمۇ، سىزنى ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدۇ. لېكىن، ئادەتتىكى ئىشلارنىڭمۇ چېكى بولۇشى كېرەك. ئەگەر سىز بىمالال پۇل خەجلەۋەرسىڭىز بۇ پۇلىڭزغا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانغا باراۋەر.
 تاما- تاما كۆل بولىدۇ، سىز ئۆچرەتتە تۇرغاندا بىر بوتۇلكا مېنرال سۇ سېتىۋالسىڭىز، باشقا ئىش قىلغاندا بىر ماروژنى سېتىۋالسىڭىز بۇنداق ئىش تەكرارلىنىۋەرسە بىر يىلدىن كېيىن: «مەن پۇللىرىمنى نەگە خەجلىدىم» دەپ ئويلىنىپ قالىسىز.
بۇنداق تېراگىدىيەنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، مۇھىمى سىز پۇلىڭىزنى ھەقىقىي مۇھىم ئىشلارغا ئىشلىتىشىڭىز لازىم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ چىقىم سوممىڭىزنى تۈرگە ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى، ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلاش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار، بۇنىڭغا قارىتا ئالدىن ئېستىمال پىلانى تۈزىۋېلىڭ. مۇھەببەتتە، سىز قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلىگىنىڭىزدە ئاندىن قارشى تەرەپ سىزنى ھۆرمەتلەيدۇ. پۇلغا مۇئامىلە قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، سىز پۇلىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ سىزگە تۇيدۇرماي كېتىپ قالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى