قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

23- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە كورېيەنىڭ پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوت يېقىلدى

2018-02-10 23:25:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

23- نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىگە مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە، كورېيەنىڭ پيۇڭچاڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوت يېقىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى 65- بولۇپ مەيدانغا كىردى. ئىلگىرى ۋانكوۋېر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا 3 دانە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن قىسقا ئارىلىققا تېز سۈرئەتتە تېيىلىش تەنھەركەتچىسى جوۋ ياڭ بايراقچىلىقنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدە، ئاق مامۇق چاپان كىيگەن جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تاماشىبىنلارغا ۋە رەئىس سەھنىسىدىكىلەرگە قول ئىشارىتى بىلەن ئۈزلۈكسىز ھۆرمەت بىلدۈردى. جۇڭگو بۇ قېتىملىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 181 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەن بولۇپ، 82 نەپەر جۇڭگولۇق ماھىر بەش چوڭ تۈر، 12 تارماق تۈر، 55 كىچىك تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا، جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى قىسقا ئارىلىققا تېز تېيىلىش، ئەركىن چاڭغا تېيىلىش، فىگۇرا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش قاتارلىق ئەۋزەل مۇسابىقە تۈرلىرىدە مۇكاپات ئېلىشقا تىرىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى