قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

2018- يىللىق جۇڭگو- نېپال دۆلەت ھالقىغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

2018-02-10 23:26:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگونىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى، نېپال مەدەنىيەت- ساياھەت- خەلق ئاۋىئاتسىيە مېنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «2018- يىللىق جۇڭگو- نېپال دۆلەت ھالقىغان چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» مۇشۇ ئاينىڭ 9- كۈنى نىپال پايتەختى كاتماندۇدا ئۆتكۈزۈلدى. نېپال زۇڭتۇڭى باندارى خانىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مېھمانلار جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن بىرلىكتە بۇ قۇتلۇق كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ، چاغان شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. شەھەر مەركىزىدىكى قوتاز مېھمانخانىسىدا، جۇڭگو- نېپال ئىككى دۆلەتنىڭ ناخشىچى، ئارتىس ۋە سەنئەتكارلىرى 15 نومۇر ئورۇندىدى. جۇڭگولۇق ئايال مۇزىكانتلار كوتو بىلەن نېپالدا كەڭ تارقالغان بومباكس گۈلى ناملىق خەلق ناخشىسىنى ئورۇندىغاندا، نەق مەيداندىكى نېپاللىق تاماشىبىنلار ئىختىيارسىز ھالدا رىتىمغا ماسلاشتۇرۇپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى