قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر خىل تاماق -بىر ئەسەر

2018-02-11 20:08:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«تاماق ئېتىشكە ئامراق ئاياللارمۇ بارمىدۇ؟» دەيسىز بەزىدە تاماق ئېتىش تەس كەلگەن ۋاقىتلاردا. بۇنى مانا مەنمۇ ئەڭ كۆپ دېگەنمەن. سۆزلىدىم، قاقشىدىم، لېكىن تاماق ئېتىشتىن پەقەتلا قۇتۇلالمىدىم. ئەكسىچە كۈندە ئېچىپ تۇرىدىغان قورساقنىڭ زورى بىلەن يەنە قازان بېشىغا كېلىشكە مەجبۇر بولدۇم. خىزمەت ھالىمنى قويماي ھېرىپ ئۆيگە كەلگەندە، تۈگىمەس تاماق ئېتىش ۋەزىپىسى كۈتۈپ تۇرسا، تاماق يېمىگەن بولساق قانداق ياخشى بولاتتى-ھە، دەپ ئويلاپ قالىمەن. قانداقلا بولسۇن بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن، ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر ئۆمۈر تاماق ئېتىپ ئۆتىدىكەنمىز. بىرەر ۋاق تاماق ئەتمىگەنگە بىر ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلغاندەك خوش بولۇپ كەتكىنىمىز بىلەن، ئەتىسىلا يەنە شۇ قازان بېشىغا ئۆتۈپ قالىدىكەنمىز. ئۇنداقتا، بىر ئۆمۈر مەشغۇل بولىدىغان تاماق ئېتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى كۆڭۈللۈك ھەم زېرىكمەيدىغان پائالىيەتكە ئايلاندۇرغىلى بولماسمۇ؟  ئاياللار ئارىسىدا تاماق توغرىسىدىكى تېمىلار ئەزەلدىن پاراڭ تېمىمىزنىڭ چېتىدە قالغان ئەمەس. ئىلگىرى مەنمۇ تاماق ئېتىشنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيتتىم. قورۇمىلارنىڭ ھىدىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىمگە سىڭىپ قېلىشىدىن بىزار بولاتتىم. مونچىدا بىر چايقىنىۋېتەي دېسەم ئىشقا كېچىكىپ قالىدىغان گەپ، يېڭى ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىختىلاپلارغا يولۇقتۇم. تاماق تاللاشتىكى ئوخشىمىغان مىجەزلىرىمىزمۇ نۇرغۇن خاپىلىقلارنى كەلتۈردى. تۇرمۇشتىن بەزىدە رايىم قايتقان ۋاقىتلارمۇ بولدى. كېيىن خىزمەتداش ھەدەمنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۆزگىچە پوزىتسىيەسىدىن ئىلھام ئالدىم. كۆڭۈل قويۇپ ئەتسە ھەرقانداق تاماقنى ئوخشاتقىلى بولىدۇ،- دەيدۇ ئۇ ھاياجانلىنىپ،- بەزىدە چۈشتە بىرقانچە خىل تاماق ئېتىمەن.
- قانداق ئېتىپ بولىسىز؟- سورىدىم مەن ھەيران بولۇپ.
-پەم بولسىلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، ئەتتىگەندە خېمىر، كۆكتاتلارنى تەييارلاپ قويىمەن، چۈشتە كېلىپ ئاۋۋال قورۇما قورۇيمەن، توك قازانغا شورپا سېلىپ قويىمەن، شۇنداق قىلىپ بىر سائەتتە ئىككى خىل تاماقنى تەييارلاپ بولىمەن. پولو، نارىن، شويلا دېگەنلەرنى كۈن ئارىلاپ قوشىمەن. چۈشتە ھەممەيلەن ئۆيدە غىزالىنىمىز. كەچتە سۇيۇق- سەلەڭ تاماق ئېتىمەن. تاماقنى زېرىكمەي، پۈتۈن ئىشتىياقىم بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئېتىمەن. ھۆرمىتىنى قىلىپ ئەتكەچكە ئەتكەن تاماقلىرىممۇ بەك ئوخشايدۇ، بالىلارنىڭ دادىسىمۇ سىرتلاردا قورساق تويغۇزمايدۇ، ئەرنى ئۆيگە مايىل قىلىغان قورال - ئوخشىغان ئىسسىققىغە تاماق، شۇڭا ئۇلارنى لەغمەن بىلەن باغلايمىز، پولۇ بىلەن ياغلايمىز.....- دېدى ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىغا چاخچاق قوشۇپ، قاقاھلاپ كۈلگىنىچە.
بىرنەچچە قېتىم چۈشلۈك تامىقىغا داخىل بولۇپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم. ئۇلار تۇققانلار يىغىلىشى، خاتىرە كۈنلەردىمۇ ئۆزگىچە تاماقلار بىلەن غىزالىنىدىكەن. ئۇ ئاياللىق سۈپىتى بىلەن ئائىلىسىگە ئىللىقلىق، خاتىرجەملىك ئاتا قىلىپ كەپتۇ ۋە شۇنداق ئەمەلىيىتى بىلەن قىزلىرىنى ئاياللىق پەزىلەتكە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىپتۇ.
ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە ئەۋزەللىكى بار، ئۆيى ئىدارىغا يېقىن، خىزمىتى بەك ئالدىراش ئەمەس، ئىشى تۈگىسىلا ئۆيگە قايتىپ تاماق ئېتىشكە يېتەرلىك ۋاقتى بار، ئەمما ئوخشاش شارائىتى بارلارمۇ ئۇنىڭدەك قىلالمايدۇ. ئىشتىن چۈشۈپ يەنە تاماق ئېتىدىغان بولدۇم دەپ زارلىنىدىغان بىر خىزمەتدىشىم بار. «بىرەر يەرگە بېرىپ تاماق يەپ كېلەيلىچۇ؟» دېدى ئۇ بىر كۈنى. ھەدىمىزنىڭ «ئۆيىڭىزدىكىلەر قانداق قىلىدۇ؟» دېگەن سۇئالىغا: «بىرەر قېتىم يولدىشىم ئېتىپ باقسۇن» دېدى  ئۇ ئىككىلەنمەستىن. «مەن ئۇنداق قىلالمايمەن، يولدىشىم تاماق ئەتسە بالىلىرىم يېمەيدۇ، يەنە كېلىپ تاماق ئەتكۈچە ئاشخانىنى بەك قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ، بالىلىرىمغا ئۆز قولۇم بىلەن تاماق بەرمىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ» دەپ رەت قىلدى ئۇ ھەدىمىز.  يەنە بىر كۈنى ئۇ: « ئۆيدە گۆش تۈگەپتىكەن، بۈگۈن سىرتتا تاماق يەيمىز» دېگەندە، ئۇ ھەدىمىز: «گۆش بولمىسىمۇ نەچچە خىل گۆشسىز قورۇما قورۇپ گۈرۈچ دۈملەپ ئەتكىلى بولىدىغۇ، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، تۇخۇم، بەرەڭگە قەلەمچىسىنى ئايرىم- ئايرىم قورۇپ، پىنتوزا -مۇچ- يېسىۋېلەكنى بىر قورىسىڭىز بولىدىغۇ، ئېرىنچەكلىك قىلمىسىڭىزلا بىرنەچچە خىل قورۇما بىلەن بىر ئۈستەل تاماق تەييار بولىدۇ»، دېدى ھەدىمىز چۈشەندۈرۈپ. «بىر دۆۋە قاچىسىنى، قاچان يۇيۇپ بولىمەن، بولدىلا» دېدى ئۇ قىرىغىمۇ ئالماي.
 ھايت - ھۇيت دېگۈچە مەنمۇ ئىككى بالىغا ئانا بولدۇم.  ئېرىم خىزمەتداشلىرىغا «ئايالىم تاماققا بەك ئۇستا» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئىلھاملاندىم، تاماق ئېتىشنى ۋەزىپە، يۈك قىلىۋالماي، خوشاللىق بىلەن ئەمىليەتكە يۈزلەندىم. مەن ئەتكەن بىر ۋاخ تاماق ئائىلەم ئۈچۈن بىر نادىر ئەسەر، دەپ قارىدىم. ھاپىلا- شاپىلا يۈز يۇيۇپ، چالا- بۇلا ناشتا قىلىپ ئىشقا ئالدىراپ  مېڭىش بىر كۈنلۈك گۈزەل تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چۈشلۈك تامىقىمىز شارائىت تۈپەيلىدىن ئاساسەن سىرتتا بولغاچقا، ناشتىلىققا ئالاھىدە كۈچىدىم، مېغىزلار بىلەن ئەتكەن چاي، ئاچچىق- چۈچۈك شورپا، شوۋگۈرۈچ، ھورنان بىلەن بىر تەخسە قورۇما قاتارلىق تاماقلارنى تەييارلىغاچقا، بالىلىرىم ناشتا قىلماسلىققا باھانا تاپالمايدۇ، سىرتتىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەرگىمۇ كۆز قىرىنى سالمايدۇ، مەنمۇ بىركىملەردەك كەچلىك تاماققا سامسا ئېلىۋالاي، دەپ يۈرمىدىم. ھەر بىر ۋاخ تاماقنى كۆڭۈل قويۇپ ئەتتىم، گەرچە يولدىشىم بىلەن ئوخشاش ئىشلەپ، تەڭ ئۆيگە كىرسەممۇ، «مەنمۇ ئوخشاش ئىشلەپ كەلدىم، دەم ئېلىۋالاي» دېمەستىن دەرھال ئاشخانىغا كىرىپ تاماققا تۇتۇش قىلىمەن. مەن ئۈچۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ غىزالىنىشى  ھەممىدىن ئەۋزەل بولۇپ، بۇنداق چاغدا ھاردۇغۇم چىقىپلا كېتىدۇ. ئېرىمنىڭ خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىشى، بالىلىرىمنىڭ ساغلام چوڭ بولىشى ئۈچۈن ھەر بىر ۋاخ تاماقنى بىر نادىر ئەسەر سۈپىتىدە ياخشى ئېتىشكە تىرىشتىم، مىزىلىك تاماقنىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارىغاندا، ئۇماق بالىلىرىمنىڭ «تاماق پىشتىمۇ؟»دەپ ئىنتىلىشى ماڭا مەدەت بولسا، تاماقنى ھوزۇر بىلەن يېيىشىدىن ھوزۇر ئالىمەن. تاماقتىن ئىبارەت بۇ ئائىلىگە ئىللىقلىق  تارىتىدىغان نۇرلۇق چىراقنىڭ  تىزگىنىنىڭ قولۇمدا بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن. «بىر كۈن قازان قاينىمىغان ئۆيدىن مۇز يېغىپ تۇرىدۇ، ھىچ بولمىسا چاي قايناتسىڭىزمۇ ئاشخانىڭىزدىن ئىللىقلىق تارقىلىپ، سىرتتىن كىرگەن ئادەم ئۆيدىكى ھارارەتتىن ھارغىنلىقنى ئۇنتۇيدۇ»، دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان ئاشۇ خىزمەتداش ھەدەمگە توختىماي رەھمەت ئېيتقۇم كېلىدۇ.
 بىز تاماقنى باشقىلارنىڭ ماختىشى ئۈچۈن ئەتمەيمىز، ياكى بىرەر قېتىم ئېتىپلا بولدى قىلمايمىز. شۇنداقلا بىز ئەرگە قەرزدار بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۈرەك پارىلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئائىلىمىزنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ئېتىمىز. گەرچە بىز داڭلىق يازغۇچى، ناتىق، پەيلاسوپ بولالمىساقمۇ تۇرمۇشقا تۇتقان ئىنچىككە پوزىتسىيەرىمىز بىلەن ئائىلە ئەزالىرىمىزغا ئەتكەن تېتىملىق تاماقتىن ئىبارەت بىر پارچە ئېسىل ئەسەرنى پۈتتۈرىدىغان، خوشاللىق بىلەن ئۈن- تۈنسىز ئەمگەك قىلىدىغان ئاددىي ئايالمىز، شاھزادىمىزنىڭ بىلسىمۇ ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان كۈيۈمچان مەلىكىسىدۇرىمىز. شۇڭا ۋۇجۇتقا كەلتۈرمەكچى بولغان تاماقتىن ئىبارەت بۇ ئەسىرىمىزنى ھەرگىز چولتا قىلىپ قويمايلى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى