ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ھەر تەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2018-02-12 20:06:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش- تەكشۈرۈش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى ئاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، گۈللەنمە تەشكىلاتلار پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، تور ئۇچۇرى بىخەتەرلىكى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ئايرىم- ئايرىم خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. چېن چۈەنگو ئۇلارنى بىر- بىرلەپ باھالىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش- تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلار تېخىمۇ ئېنىق تېپىلىپ، تەرتىپكە سېلىش ۋە ئۆزگەرتىش يۆنىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى تۇتۇشنىڭ ئېنىق يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش نەتىجىسىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ھەرتەرەپلىمە راۋاجلاندۇرۇشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىدىيەدە يادرونى يۈكسەك تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قەتئىي قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقى ۋە قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچەش كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قايتا- قايتا ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، سەمىمىي- سادىق، تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان جاسارەت بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش مەسئۇلىيەت، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق مەسئۇلىيەتسىزلىك، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتالماسلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق، دەيدىغان قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپ قىلىپ، مەركىزىي خىزمەت بىلەن تەڭ پىلانلاپ، تەڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭ باھالاپ، شۇجى تۇتىدىغان، شۇجىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرىدىغان، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باش نىشاننى چۆرىدەپ پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي باش نىشاننى كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان ھەقىقىي كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»نى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بايرىقىنى روشەن، مەيدانىنى مۇستەھكەم قىلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلغانلار، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئىنتىزام ۋە قانۇن بويىچە كەسىن بىرتەرەپ قىلىشى، قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك.

  ئالتىنچى، دۇرۇس ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. دائىم ۋە ئۇزاق، قاتتىق ۋە ئەمەلىي، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا كۈچەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ياخشى قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە ئىمتىياز يوق، دەيدىغان ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، يەنە بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، يۇقىرى بېسىمنى كۈچەيتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلايدىغان ياخشى يۆنىلىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئۈنۈمىنى پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتكوم شۇجىلىرىنىڭ سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك- ئاجىزلىقىنى، ئەمەلىي نەتىجىسىنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى، ئىستىلىنىڭ دۇرۇس- ناچارلىقىنى، خىزمەتتە لاياقەتلىك- لاياقەتسىزلىكىنى باھالايدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى يىغىنىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەرگەن يولداشلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالى باھالاندى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى