قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللارنىڭ تېز ئورۇقلىيالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر

2018-02-13 12:48:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ مىتابولىزم سۈرئىتى ئاستا بولۇش، ھېسسىي بېقىنىش، ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى، ھەرىكەت ئاز بولۇش، چېنىقماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر ئىكەن.  
  ئۇزۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئاياللارنىڭ بەدىنىدە مۇسكۇل بىر قەدەر ئاز، ماي كۆپرەك بولغاچقا، مېتابولىزم بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. ئاياللار قىسقىغىنە ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا ماي يوقاتسا، ئاياللىق ھورمۇنىغا تەسىر يېتىدىكەن. ئوخشاش بەدەن شەكلىدىكى ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئاياللار سەرپ قىلىشقا تېگىشلىك ئومۇمىي ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ئاز بولىدىكەن. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللار يېمەكلىكنى ئەرلەردەك كۆپ يېيەلمەيدىكەن، ئەمما ئوخشاش نەرسە يېسىمۇ، ئاياللار بەكرەك سەمرىپ كېتىدىكەن، شۇڭا ئاياللار ياش ۋە ھەرىكەت سەۋىيەسىگە ئاساسەن يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلسىلا، بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالالايدىكەن. 
  ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كىچىكىدىن باشلاپ يېمەك-ئىچمەككە ئامراق كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى تەس ئىكەن، بولۇپمۇ ئاياللاردا يېمەكلىككە «ھېسسىي بېقىنىش» ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
  ئاياللار كۆپ ھاللاردا تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاش يولىنى تاللايدىكەن، ھەرىكەت قىلىش، چېنىقىشنىڭ ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ئىكەنلىكىگە سەل قارايدىكەن. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ھەرىكەت ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مېڭىش-تۇرۇش، ئاش-تاماق ئېتىش دېگەندەكلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن، ئورۇقلاشنى نىيەت قىلغانلار چوقۇم مۇسكۇللارنى ھەرىكەتلەندۈرۈشى، پەي سوزۇشى، تېرە ئاستىغا يىغىلىپ قالغان ماينى پارچىلاش ئۈچۈن تەر چىققۇدەك چېنىقىشى كېرەك ئىكەن.  ئورۇقلاش ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان جەڭ، بولۇپمۇ ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى بارلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداقكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بەدىنىدىكى ماي توپلاشقان جايدا ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى بارلاردا لىزىلئوكسىدازا دەپ ئاتىلىدىغان ئۈچەي يولى مولېكۇلالىرى كۆپ بولۇپ، بۇ مولېكۇلالار بەدەنگە تەسىر يەتكۈزۈپ، ئورۇقلاشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇنداق ماي توقۇلمىسى سىزىقچىلىرى ماي توقۇلمىلىرى زەخىملەنگەندە پەيدا بولىدىكەن، شۇڭا قانچە سېمىز بولغانسېرى ئورۇقلاش شۇنچە تەس بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى