قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو تىبابىتىنىڭ قۇرۇق يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى

2018-02-13 13:29:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو تېبابىتىدىكى يىڭنە سانجىپ داۋالاش ــ يىڭنە سانجىش ئۇسۇلى بىلەن يىڭنىنى قىزىتىپ داغلاش ئۇسۇلىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، 2010- يىلى، جۇڭگو تېبابىتىنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ روشەن جۇڭگو مىللىي مەدەنىيەت ۋە رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېببىي داۋالاش ئۇسۇلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى ئۈزىگە تارتماقتا. بەزىلەر ئۇنى سىرلىق دېسە، يەنە بەزىلەر ئۇنى قېلىپلاشمىغان دەپ قارىدى. مەيلى قانداق تالاش- تارتىش بولسۇن، جۇڭگو تېبابىتىنىڭ يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشىدىكى «ئىسىم كارتوچكىسى» ۋە «ئەلچى»سىگە ئايلاندى.
ئىككى مىڭ يىللاردىن بۇيان يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇسۇلى ئىزچىل تۈردە دۆلىتىمىزدە كەڭ تۈردە قوللىنىلىپ كەلگەن، ھەمدە تەدرىجىي ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان. يىڭنە سانجىپ داۋالاش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا بەدەننىڭ ئوخشىمىغان پەللىلىرىگە كۈمۈش يىڭنە سانجىش كېلىدۇ. بېيجىڭ چاڭئەن جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى كەسپىي ۋىراچى، جۇڭگو تىبابىتى يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇستىسى فەن جيانىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە ئادەتتە دېيىلىۋاتقان يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بىرى يىڭنە ئەسۋاپلىرىنى سانجىش، يەنە بىرى يىڭنىنى قىزىتىپ داغلاش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئەڭ بۇرۇنقى يىڭنە  ئەسۋابى ـــــ تاش يىڭنە بولۇپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، «تاسادىپىي ئۇچراپ قالغان دېيىشكە بولىدۇ». يەنى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدە، يارىلانغان ئادەملەر تاش، تىكەن قاتارلىق قاتتىق جىسىملار بەدەننىڭ مەلۇم بىر يېرىگە تەگكەندىن كېيىن، بەدەندىكى ئاغرىقنىڭ پەسىيىپ قالغانلىقىنى بىردىنلا بايقاپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن، ئاستا- ئاستا ئاڭلىق ھالدا بەزى ئۇچى ئۆتكۈر تاشلارنى بۇ ئەزالارغا سانجىش ئارقىلىق ئاغرىقنى پەسەيتىشنى ئۈگەنگەن. تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگەندە، يىڭنە سانجىپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان يىڭنىلار بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان يىڭنە ئەسۋابلىرىغا ئۆزگەرگەن. داغلاش ئۇسۇلى بولسا ئوتتىن پايدىلىنىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ شەكىللەنگەن بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئوتتىن پايدىلىنىش داۋامىدا، بەدەندىكى بەزى ئاغرىق سېزىملىرىنىڭ ئوتقا قاقلانغاندىن ياكى داغلانغاندىن كېيىن سەل پەسىيىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىلھامى بىلەن كېيىنچە تەدرىجىي ھالدا داغلاش ئۇسۇلى كەشىپ قىلىنغان، مەسىلەن، كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان ئەمەن بىلەن داغلاش ئۇسۇلى ئەنە شۇ خىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر».
دۆلىتىمىز مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىش سەۋەبىدىن، مۇررىي كوستارىكادىن ئالايىتەن دۆلىتىمىزگە كەلدى، كۆپ يىللىق خىزمەت، تۇرمۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئۇ يېرىم «جۇڭگوشۇناس»قا ئايلاندى، جۇڭگو تېبابىتى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، مۇرراي ئۇنى «ئاجايىپ سىرلىق» دەپ تەسۋىرلەيدۇ، لېكىن جۇڭگو تېبابىتىنىڭ يىڭنە سانجىش ۋە داغلاپ داۋالاش ئۇسۇلىنى پەقەت ئاڭلاپلا باققان، ئەتىراپىدىكى كۆپلىگەن چەتئەللىك دوستلار يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئارقىلىق ھەر خىل ئاغرىقلارنى داۋالاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سەل قورقاتتى ۋە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتى، «بۇنداق يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈپ چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى.»  
جۇڭگو تىبابىتىدە كۆز ئارقىلىق كۆزىتىش- ئەھۋال سوراشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ، يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشتا ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى پەللىلىرىنى تەكشۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. مۇررىي «پىدائىي» بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى توپ تىپىپ يارىلىنىپ ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بېلىنىڭ دائىم ئاغرىيىدىغانلىقى سۆزلەپ بەردى؛ بېيجىڭ چاڭئەن جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى كەسپىي ۋىراچى، جۇڭگو تىبابىتى يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇستىسى فەن جيانىڭ ئاۋۋال مۇررىينىڭ بېلىكىدىكى شۇسەنلى پەللىسىنى تۇتۇپ كېسەل ئەھۋالىنى بېكىتىپ، ئاندىن شۇسەنلى پەللىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگنوز قويۇپ يىڭنە سانجىدى. «يىڭنە سانجىشتىن بۇرۇن سەل قورقتۇم، لېكىن سانجىپ بولغاندىن كېيىن، ئاغرىق سېزىمىنىڭ يوقىغانلىقىنى روشەن ھېس قىلدىم» -دېدى مۇررىي. گەرچە يىڭنە سانجىشتىن بۇرۇن ناھايىتى جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، سانجىپ بولغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن ئۈنۈمى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېيجىڭ چاڭئەن جۇڭگو تىبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش دوختۇرخانىسىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى كەسپىي ۋىراچى، جۇڭگو تىبابىتى يىڭنە سانجىپ داۋالاش ئۇستىسى فەن جيانىڭ مۇنداق دېدى: «يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنىڭ ئەڭ تۈپ، ئەڭ بىۋاسىتە داۋالاش رولى جىڭلۇ نېرىپ يوللىرىنى توسىۋالغان چۆكۈندىلەرنى تازىلاپ- نورمال فىزىئولوگىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنى تەڭشەپ، ئادەم ئورگانىزمىنىڭ مۇئەننەس ۋە مۇزەككەر تەڭپۇڭسىز ھالەتتىن تەڭپۇڭ ھالەتكە قاراپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، مانا بۇ يىڭنە سانجىپ ۋە داغلاپ داۋالاشتا ئەڭ ئاخىرىدا يەتمەكچى بولغان مەقسەت. كونا جاراھەتلەردە دائىم ئاغرىق سېزىمىنىڭ بولۇشى دەل نېرۋا يولنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان، يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنىڭ پىرىنسىپى ئالاھىدە پەللىلەردىكى توسۇلۇپ قالغان رايونلارنى ئاساسىي جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.                                                                                                جۇڭگو تىبابىتى بويىچە يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قارىتا، فەن جيانىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو تېبابىتى ئەمەلىيەتچانلىقى، تەجرىبە خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان بىر پەن. جۇڭگو تېبابىتىدىكى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش تارىختىن بۇيان ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاشتىكى بىر خىل ئەمەلىي تېخنىكا بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە جۇڭگونىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە مەدەنىيەت بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلدى. ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلىمىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن، جۇڭگو تېبابىتىدىكى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاشنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي قوللىنىش ئاساسىدا، ئىلمىي ئاساستا شەرھىيلەش، ئوبيېكتىپ باھا بېرىش ۋە مەشغۇلات تەرتىپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىش بارلىق جۇڭگو تېبابىتى يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ۋىراچلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.»

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى