قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

زاپاس چاق مۇتلەق بىخەتەرمۇ؟

2018-02-13 13:41:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قىشتا ھاۋا سوغۇق، يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە چاق دائىم دېگۈدەك تېيىلىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېمپراتۇرا زىيادە تۆۋەن بولغانلىقتىن چاقتىن يەل قاچىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ ئاپتوموبىل چاقىنىڭ تېيىلىپ كېتىشى سەۋەبلىك ۋەقە سادىر بولۇپ، چاق ئېتىلىپ كەتكەندە ئاپتوموبىلدىكى زاپاس چاق ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. ئۇنداقتا زاپاس چاق ئالماشتۇرسىلا بىخەتەر بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، زاپاس چاق پەقەت ئاپتوموبىلنىڭ باشقا چاقلىرىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە ۋاقىتلىق ئىشلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن سەپلەنگەن، ئۇنىڭ ياسىلىش سەنئىتى ۋە سۈركىلىشكە چىدامچانلىق دەرىجىسى ئاپتوموبىلغا ئەسلىدە سەپلەنگەن چاقلارغا يەتمەيدۇ.
زاپاس چاقلار تازا ئۆلچەملىك ئەمەس.
 كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارغا زاۋۇتتىن چىققاندا سەپلەپ بېرىلگەن زاپاس چاق ئاپتوموبىلغا سەپلەنگەن چاق بىلەن ئوخشاش رەزمىردىكى چاق ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاپاس چاققا سەپلەنگىنى تورمۇر قاسقان، ئۇنى ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلىدىكى چاقىنىڭ ئورنىغا سالغاندا باشقا چاقلار بىلەن چوڭ كىچىكلىك جەھەتتە پەرقلىنىپ، ئاپتوموبىلنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە بىخەتەر يول يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
  زاپاس چاق ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 كىلومېتىرغا پايلايدۇ.
زاپاس چاقىنىڭ رولى ئاپتوموبىلنىڭ چاقىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، ئاپتوموبىل رېمونتخانىغا بىخەتەر ھەيدەپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر، شۇڭا ئادەتتە زاپاس چاقلار ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 80-100كىلومېتىرغىلا پايلايدۇ. زاپاس چاقنى ئىزچىل ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
زاپاس چاق ئىشلەتمىسىمۇ كونىرايدۇ.
زاپاس چاقنىڭ رېزىنكىسى كونىراپ قالىدۇ، شۇڭا زاپاس چاقنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتمىگەندە چۇقۇم قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ، جىددىي زۆرۈر بولغاندا بىخەتەر مۇلازىمەت قىلىشىغاا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
 شۇڭا زاپاس چاق مۇتلەق بىخەتەر ئەمەس، كۆپچىلىك چۇقۇم «زاپاس چاق بىلەنمۇ داۋاملىق بىخەتەر يول يۈرەلەيمەنغۇ» دېگەن خىيالنى چۆرۈپ تاشلىشى، زاپاس چاقنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى چاقى رېمونت قىلىش دۇكانلىرىغا بېرىپ ئەسلى چاقنى رېمونت قىلدۇرۇشى ھەمدە ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇۋېلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى