قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەن ۋەتىنىمدىن چەكسىز مىننەتدار!

2018-02-13 13:44:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېنىڭ ۋەتىنىم جۇڭگو. ۋەتىنىم جۇڭگودا 56 مىللەت خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ياشايدۇ. ۋەتىنىمنىڭ تاغ- دەريالىرى ناھايىتى گۈزەل، قەدىمىي قۇرۇلۇشلىرى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ۋەتىنىمنىڭ تەرەققىياتى كىشىنى ئىشەنچكە، خوشاللىققا چۆمدۈرىدۇ. 
ۋەتەن بىزنىڭ ئائىلىمىز، ۋەتىنىمىز بولمىغان بولسا بىز بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. ھەر قېتىم لەپىلدەپ جەۋلان قىلىپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرگىنىمدە قەلبىم چەكسىز مىننەتدارلىق تۇيغۇچىغا چۆمىدۇ.
ۋەتەن بىزنىڭ ئانىمىز. شۇڭا بىز ئۇنى خۇددى تۇققان ئانىمىزنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلىشىمىز، كۆز قارچۇقىمىزنى ئاسىرغاندەك ئاسرىشىمىز كېرەك.  بىز ھازىر چوڭ -چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ ھەر مىللەت ساۋاغداشلار بىلەن  ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈپ، تىرىشىپ ئۆگەنسەك، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادىلىگەن بولىمىز. ۋەتىنىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن بىزدە كۈچلۈك ئۇيۇشۇشچانلىق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق روھى بولۇشى كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق تەربىيىسىنى ئالدى بىلەن ئائىلىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك. چۈنكى، ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى. ئىناق -ئىتتىپاق بولمىغان ئائىلىدە بەرىكەت بولمىغىنىدەك ، ئىناق -ئىتتىپاقلىق بولمىغان دۆلەتمۇ قۇدرەت تاپالمايدۇ.
تارختىن بۇيان ۋەتەن ئانىنىڭ ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى زىچ ئۇيۇشۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىز ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى قول تۇتۇشۇپ ، ئىتتىپاق بولۇپ تىرىشىپ ئۆگەنسەك، قەتئىي ئىرادە بىلەن بوشاشماي ئالغا ئىلگىرلىسەك ۋەتەن ئانىنىڭ باغرىنى تېخىمۇ كۆپ گۈل- چېچەككە پۈركىيەلەيمىز. ۋەتەن ئانا ئۈچۈن تۆھپە قوشالايمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى