قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتۇن تېرىش

2018-02-13 13:45:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بىر باي قۇملۇقتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ يەرگە ئىشلەۋاتقان بىر دېھقاننى كۆرۈپ قاپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپتۇ:
- تەقسىر، بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىدىلا؟
- ئالتۇن تېرىۋاتىمەن.
- ئالتۇننىمۇ تېرىغىلى بولامدىكەن؟!- باي ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.
- ئىشەنمىسىلە، كەچتە كېلىپ كۆرۈپ باقسىلا.
كۈن ئولتۇرۇشى بىلەنلا بۇ باي ئالدىراپ ھېلىقى يەرگە يېتىپ كەپتۇ. قارىسا دېھقان ئالتۇن تېرىغان يەردە دېگەندەك بىر دۆۋە ئالتون پارقىراپ تۇرغۇدەك.
باي: بۇ بەك ئوبدان ئىشكەنغۇ! دەپ ئويلاپ، دېھقان بىلەن شېرىكلىشىپ ئالتۇن تېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. دېھقان قوشۇلۇپتۇ. باي بىرىنچى قېتىم دېھقانغا يىگىرمە سەر ئالتۇن بەرگەنىكەن. دېھقان ئۇنى تېرىپ قىرىق سەر ئالتۇن قىلىپ ئەكېلىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باي ئىككىنچى قېتىمدا خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى دېھقاننىڭ تېرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ. دېھقان بوۋاي بۇ قېتىم ئالتۇنلارنى يەرگە تېرىماي بەلكى بارلىق نامراتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
باي كەچتە ئالتۇنلارنى ئەكېلىشكە ئادەم ئەۋەتىپتۇ. دېھقان غەمكىن قىياپەتتە: «بۈگۈن ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ھېچقانداق ھوسۇل ئالالمىدىم، بايغا يەتكۈزۈپ قويسىلا» دەپ ئۇ ئادەمنى يولغا ساپتۇ.
باي بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرغەزەپكە كەپتۇ- دە، دېھقاننى چاقىرىپ كېلىپ سوراپتۇ:
- قۇملۇقتا قانداق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى؟
- باي غوجام، قۇملۇق دېگەندە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرمىسىمۇ، ھېچقانداق نەرسە تېرىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغانلا!باي شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئاچ كۆزلۈكىدىن ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويغانلىقىنى بىلىپ دېھقاننى چىرايلىق يولغا سېلىپ قويۇپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى