قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماناستىكى كىشىلەر پەسىل قۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماكانغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، قار- شىۋىرغاندىن قورقماي، بارلىقىنى خىزمەتكە ئاتىدى

2018-02-14 12:47:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ماناستىكى دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىدا، مۇز چاقىدىغان شۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار. ئۇلار بۇ يەردە قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماكانغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، قار- شىۋىرغاندىن قورقماي، بارلىقىنى خىزمەتكە ئاتىدى.
ھاۋا سوغۇق بولغانلىقتىن، ماناستىكى دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىدىكى دەريا يۈزىنى قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەنىدى. بۇ مۇزلار چېقىلمىسا، پەسىل قۇشلىرىنىڭ بۇ يەردە قىشلىشى مۇمكىن بولمايتتى. شۇ سەۋەپلىك، ھەر كۈنى سەھەردە، ماناستىكى دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قوغداش ئەترىتىدىكىلەر دەريا يۈزىدىكى مۇزنى چېقىشقا باشلايدۇ. 62 ياشلىق بەي ليەنجىڭ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇپلا، مۇز چېقىشقا بارىمىز. بۇ جەرياندا، دەرياغا چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ياتاققا بېرىپ تېزدىن كىيىم ئالماشتۇرمىساق بولمايدۇ. مۇزنى چېقىپ بولۇشىمىزغا، ئاققۇلار بۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىدۇ. ئاققۇلارنىڭ سۇ ئىچەلىشى ئۈچۈن، قانچىلىك جاپا تارتساقمۇ ئەرزىيدۇ.
ھازىرغىچە، ماناس ناھىيەسى دۆلەتلىك نەم يەر باغچىسىنى قوغداش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 290 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. نەم يەر كۆلىمى ئەسلىدىكى 90 مىڭ مودىن كېڭىيىپ، 170 مىڭ موغا يەتتى. ھەر يىلى نەچچە 10 مىڭ پەسىل قۇشى بۇ يەردە قىشلايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاققۇلارنىڭ سانى 500دىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە قىشلايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، قوغداش ئەترىتىدىكىلەرنىڭ خىزمەت مىقدارىمۇ ئېشىشقا باشلىدى. قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لۈ شياۋلۇڭ مۇنداق دېدى: ھەر قېتىمقى مۇز چېقىش كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، مۇز قېلىن بولغانلىقتىن، 60 كۋادىرات مېتىرلىق دائىرىدىكى مۇزنى چېقىش ئۈچۈن، 5، 6 ئادەم ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇزنى چېقىپ بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە كۆممىقۇناقلارنى ئەتراپقا چېچىپ قويىمىز.
تەييارلىقلار پۈتكەندە، قوغداش ئەترىتىدىكىلەر قوڭغۇراق چېلىپ، قۇشلارنى ئوزۇقلىنىشقا چاقىرغاندىن كېيىن، بۇ يەردىن كېتىپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋال، قىش پەسلىدە كۈندە دىگۈدەك داۋاملىشىدۇ. چاغان مەزگىلىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئوخشاشلا قىلىدۇ. قوغداش ئەترىتىنىڭ باشلىقى ليۇ يۇڭجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل، ئوزۇقلۇق تارقىتىش نۇقتىسىنى قايتىدىن ياساپ، قىش پەسلىدىكى سۇ كۆلىمىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز. چارلاشنى كۈچەيتىپ، ئوغىرلىقچە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى