قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش» قا كاپالەتلىك قىلىدۇ

2018-02-14 13:15:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇش تارماقلىرى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇزاق مۇددەت ئۈنۈم بېرىش مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ «ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇش» قا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يېزىلاردا 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، مېيىپ نامراتلار قاتارلىق يېزىلاردىكى تۆت تۈردىكى كىشىلەردىن 210 مىڭ ئائىلىلىك بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شۇ جايدا يېڭىدىن ئۆي سېلىش ياكى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ سېلىشنى ئالدىن يولغا قۇيۇش، ئەمگەك كۈچى قاتناشتۇرغانلارغا پەرقلىق تولۇقلىما بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئۆي سېلىش سەۋەبلىك يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يېزىلاردا ئۆي سالغان نامرات ئاممىنىڭ «يېنىدىن پۇل چىقارماي ياكى ئاز پۇل چىقىرىپ» يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى