قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى «ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەرىكەت لايىھەسى» نى تۈزدى

2018-02-14 13:15:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ھەرىكەت لايىھەسى» نى تۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بى خۇڭبونىڭ ئېيتىشىچە: بۇ لايىھىدە «ئۈچنى كېمەيتىش، ئۈچنى كۈچەيتىش»، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش ۋە پىسخىكا ساغلاملىقى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك مەخسۇس ھەرىكەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئاساس قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى بېكىتىپ، مۇۋاپىق ئورۇن تاللاپ، ئاممىنى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، گىمناستىكا مۇسابىقىسى قاتارلىقلارغا تەشكىللەپ، ئاھالىلەرگە ساغلام يېمەكلىك تاللاش، ساغلام تاماق ئېتىش ماھارىتىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ساغلام ئادەت يېتىلدۈرۈشى، كەسپى سورۇنلاردا پىيادە مېڭىپ چېنىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورۇقلاش تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ، ئۆزگىچە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى