ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «سىرلىق بۇلاقتىن ئۈچ ئاي ئىچىدە 20 مىليون يۈەنلىك بايلىق سۈزۈۋېلىش» ماۋزولۇق ماقالىنىڭ2- قىسمى

2018-02-14 13:15:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمەلىيەتتە، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قىسقۇچپاقا تۇتۇشىغا تايانغاندا، بىر كۈندە ئانچە كۆپ قىسقۇچپاقا تۇتۇلمايدىغان بولۇپ، كۇ يۈەنچىننىڭ مەقسىتى، كۆپچىلىكنىڭ ئاغزاكى تەشۋىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، قىسقۇچپاقىنىڭ نامىنى چىقىرىش ۋە تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىدى. شۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ سودىگەر ئۇنىڭ باقمىچىلىق بازىسىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، قىسقۇچپاقا سېتىۋالغىلى كېلەتتى. ئۇ مۇخبىرغا:«كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تەشۋىق قىلسا، ئۆزئارا تارقىتىپ قويسا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر باقمىچىلىق بازىمىزنى تونۇيدۇ» دېدى. شەھەر ئاھالىلىرىغا تەشۋىق قىلىپ سېتىشتىن سىرت، كۇ يۈەنچىن يەنە، قىسقۇچپاقىلارنى نەنياڭ ئەتراپىدىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كۆپلەپ سېتىپ چىقىرىدۇ. كۇ يۈەنچىن بىر تەرەپتىن قىسقۇچپاقا سېتىش بىلەن ئالدىراش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۇ ئامبىرى بىلەن يانداش باقمىچىلىق بازىسىنىڭ كەلكۈنگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، تىت- تىت بولاتتى.
2017- يىلى 10- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ سائەت توققۇزلار بولغان ۋاقىت. بۇ مۇخبىرنىڭ زىيارەتكە بارغان ئۈچىنچى كۈنى بولۇپ، بازىدا يەنە ئويلىمىغان بىر ئىش چىقتى. كەچتە كۆلچەكنى چارلاۋاتقان خىزمەتچى ئۇنىڭغا: «كۆلچەكتىكى قىسقۇچپاقىلار قېچىپ كەتتى» دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدى. مۇخبىرنىڭ: «قايسى كۆلچەكتىكى قىسقۇچپاقىلار قېچىپ كېتىپتۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، كۇ يۈەنچىن: «ئالدىمىزدا، يىراق ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەردى. كۇ يۈەنچىن تېز قەدەم بىلەن كۆلچەك تەرەپكە ماڭغاچ مۇخبىرغا: «بۇ ياققا مېڭىڭ، بۇ قېتىم خېلى كۆپ قىسقۇچپاقىلار قېچىپ كېتىپتۇ» دەپ چۈشەندۈرەتتى. مۇخبىرنىڭ: «كۇ باش دېرىكتور، نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ، قىسقۇچپاقىلار قانداق قېچىپ كېتەلەيدۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، كۇ يۈەنچىن: «يامغۇر يېغىش سەۋەبلىك توپا يۇمشاپ، بوشاپ كەتكەنلىكتىن، قىسقۇچپاقىلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان نېپىز پەردىدىن يوچۇق ئېچىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن»دەپ جاۋاپ بەردى.
 كۇ يۈەنچىن بىلەن مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، قېچىپ كەتكەن قىسقۇچپاقىلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا: «قاراڭ بۇنىڭ يوغانلىقىغا، ھېلىمۇ ياخشى ۋاقتىدا بايقالغاچقا، ئاران ئون نەچچە قىسقۇچپاقا قېچىپ كېتىپتۇ. ئەگەر مۇشۇ تېزلىك بىلەن قاچسا بىر كېچىدىلا 500 كىلوگىرام قىسقۇچپاقا قېچىپ كېتەتتى، ئۇ چاغدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن زىيان بولاتتى» دېدى. مۇخبىر: «قىسقۇچپاقا قاچقان ئورۇن مۇشۇ يەر شۇمۇ؟» دەپ سورىغاندا، كۇ يۈەنچىن: «مۇشۇ ئورۇن شۇ، بۇ ئورۇن يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن توپىسى بوشاپ كەتكەچكە، قىسقۇچپاقىلار تۆشۈك ئېچىپ قېچىپ كىتىپتۇ، قىسقۇچپاقىنىڭ بىرسى چىقالىسىلا قالغانلىرى سەپ تۈزۈپ شۇنىڭ ئارقىسىدىن ماڭىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. قىسقۇچپاقا ئەسلىدىنلا تۆشۈك تېشىشكە ماھىر بولۇپ، خېلى پۇختا تورلارنىمۇ ناھايىتى ئاسانلا تېشىۋېلىپ، قېچىپ كېتەتتى.
 500 مو دائىرىدىكى كۆلچەك سۇنىڭ ئاستىدا قېلىشتىن ئىبارەت خەۋپكە دۈچ كەلمەكتە ئىدى. شۇڭا، 100 مىڭ كىلوگىرامدىن كۆپرەك قىسقۇچپاقا ئۈچ ئاي ئىچىدە سېتىلىپ بولۇشى كېرەك. تۈگىمەس سېتىپ چىقىرىش بېسىمى، قىسقۇچپاقىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس بولغان قېچىپ كېتىش ئەھۋاللىرى، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى كۇ يۈەنچىننى تەمتىرەتمەكتە، جىددىيلەشتۈرمەكتە ئىدى. 2017- يىللىق 20 مىليون يۈەنلىك بېيىش پۇرسىتى قولدىن كېتەرمۇ؟ كۇ يۈەنچىننىڭ كۆڭلىدىمۇ بۇنىڭغا ئېنىق سان يوق، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قىسقۇچپاقىلارنى يۆتكەش ئۈچۈن ئۇ ھەتتا چۈشلۈك تاماقنىمۇ ئىش ئورنىدا يىدى. كۇ يۈەنچىن كۆپچىلىككە: «ھەممىنى ماشىنىغا بېسىڭلار، ئىش تۈگىگەن بولسا كېلىڭلار، بىز تەييار بولدۇق، كېلىڭلار، قىسقۇچپاقا يەيمىز» دېدى. خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى قازانغا قاراپ تۇراتتى. ئاددىي ياسالغان ئوچاق، بىر قازان دۈملەپ پىشۇرۇلغان قىسقۇچپاقا ئىشچىلار ۋە كۇ يۈەنچىننىڭ ئەڭ ياخشى چۈشلۈك تامىقى ئىدى. كۇ يۈەنچىن مۇخبىرغا: «قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يېيىش ئۇسۇلىمىزغا، بۇنى قىسقۇچپاقا يېيىش ماھارىتى دەيمىز، قاراپ تۇرماي كېلىڭلار، ھەممىمىز تەڭ يەيمىز» دېدى.
 كۇ يۈەنچىن مۇخبىرغا: «يېقىندىن بۇيان تاماق يېگەندىمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ يەيدىغان بولۇپ قالدۇق، قىسقۇچپاقىنى مۇنداق يېسە تېز ۋە يېيىشلىك بولىدۇ. قاراڭ، ئاۋال قىسقۇچپاقىنىڭ قېپىنى تارتىپ ئېلىپ، ئۆپكىسىنى چىقىرۋېتىپ، ئوتتۇردىن ئىككىگە پارچىلىساق، ئىچىدىكى سېرىقى چىقىدۇ. قىسقۇچپاقىنىڭ سېرىقى ناھايىتى تەملىك» دەپ چۈشەندۈردى ۋە مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى.
 ئۇنداقتا، كۇ يۈەنچىن بارلىق قسقۇچپاقىنى ئامان- ئېسەن بىخەتەر جايغا يۆتكەپ بېرىپ، ئىككى باقمىچىلىق بازىسىنى ياخشى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، 100 مىڭ كىلوگىرامدىن ئارتۇق قىسقۇچپاقىنى سېتىپ چىقىرىپ، 20 مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدىغان بېيىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرەلەمدۇ؟
 خېنەن ئۆلكىسى شىچۈەن ناھىيەسى دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرى. بۇ يەر جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشى سۇ مەنبەسى، يەنى، دەنجياڭكوۋ سۇ ئامبىرى بولۇپ، كۇ يۈەنچىننىڭ يۇرتى شىچۈەن ناھىيەسىنىڭ كۇلوۋ كەنتى سۇنىڭ ئاياق تەرىپىگە توغرا كېلەتتى. 2010- يىلى كۇ يۈەنچىن ئۇرۇق- تۇققانلىرى، يۇرتداشلىرىدىن ئايرىلىش يولىنى تاللىدى. چۈنكى، كۇلوۋ كەنتى «ئامبار رايونى ئوبيېكتى» بولۇپ تاللانغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى باشقا يەرگە كۆچۈرۈلگەن ئىدى. شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىلىرىدىن بىر ئاھالىلىك مۇخبىرغا: «ئەسلى بىزنىڭ ئۆيىمىز موشۇ سۇ بار يەردە ئىدى، ھازىر ئۈستى تەرەپكە كۆچتۇق» دېدى. 2010- يىلى كۇ يۈەنچىن ئائىلىسى كەنتتىن 190 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خېنەن ئۆلكىسى شېچى ناھىيەسىگە كۆچۈپ باردى. كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كۇ يۈەنچىن ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يېڭىچە تۇرمۇشىنى باشلىماقچى بولدى. ئۇ نۇرغۇن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاخىرى قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىشنى قارار قىلدى. كۇ يۈەنچىن: «بۇ ئۈستىدىكى كۆلچەكنى كىشىلەر سۇ ئىچىشكە ئىشلىتىدۇ. ئاستىدىكى كۆلچەكنى بولسا كۆكتات تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىدۇ» دېدى.
بۇ شىچۈەن ناھىيەسىدىكى مادېڭ بازىرىغا جايلاشقان ياڭيىڭ كەنتىدىكى بىر سىرلىق بۇلاق. يەر ئاستىدىن ئېتىلىپ چىققان بۇلاق سۈيى بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلاقنىڭ سۇ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ بۇلاقتا قىسقۇچپاقا بېقىشقا كۆز تىككەن، لېكىن، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا بۇ بۇلاقتا قىسقۇچپاقا بېقىشقا پېتىنالمىغان. چۈنكى، شۇ جايدىكى كىشىلەردە، بۇ بىر سىرلىق بۇلاق، بۇ يەر قىسقۇچپاقا بېقىشقا ماس كەلمەيدۇ، دەيدىغان گەپ بار ئىدى. كىم بۇ كۆلچەكتە قىسقۇچپاقا باقسا شۇ زىيان تارتىدۇ، دەپ قارىشاتتى. شۇ يەردىكى كەنت ئاھالىسى مۇخبىرغا: «مەن بۇرۇن تۆت- بەش يۈز مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ قىسقۇچپاقا باققان، باققان قىسقۇچپاقىلار ئەي بولمىدى، ئەڭ چوڭلىرىمۇ ئاران 100 گىرام ئەتراپىدا بولدى، ئۇنداق بولغاندا بۇ قىسقۇچپاقىلارنى سېتىپ چىقارغىلى بولمايدىكەن» دېدى. يەنە بىر كەنىت ئاھالىسى مۇنداق دېدى: «بۇرۇن مەغلۇپ بولغانلار بەك كۆپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر پۇلنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ ئىشقا مەبلەغ سېلۋېتىپ ئاخىرى قاق- سەنەم بولۇپ كەتكەن» دېدى. يەنە بىر كەنت ئاھالىسى: «بىر قىسىم كىشىلەر قىسقۇچپاقا بېقىپ سىناپ باقتى، لېكىن، ئۇتۇق قازىنالمىدى، ئۇلارمۇ ئۇتۇق قازىنالماسلىقنىڭ كونكېرىت سەۋەبىنى تاپالمىدى» دېدى. كۇ يۈەنچىندىن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەر بۇلاقتا قىسقۇچپاقا بېقىشنى سىناپ باققان، لېكىن، بىرسىمۇ ئۇتۇق قازىنالمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىسقۇچپاقا بېقىش كۆپ مەبلەغ كېتىدىغان كەسىپ بولۇپ، ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىسا، نۇرغۇن زىيان تارتىپ كېتەتتى. شۇڭا، كىشىلەر سىناپ بېقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. كۇ يۈەنچىن بۇ كىشىلەر سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان سىرلىق بۇلاقتا، قىسقۇچپاقا باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىپ، تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. كۇ يۈەنچىن: «مەن قانداقلا ئىش قىلماقچى بولسام پۈتۈن نىيىتىم بىلەن قىلىمەن، قىلغان ئىشىمدىن نەتىجە چىقارمىغىچە بوشاشمايمەن، ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيۇن كۆرۈشكە ئامراق. مەيلى ئۇلار نىمە دېسە دەۋەرسۇن، مەن چوقۇم ئۇتۇق قازىنىمەن» دېدى. 2010- يىلىنىڭ ئاخىرى، كۇ يۈەنچىن شىچۈەن ناھىيەسى مادېڭ بازىرىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن كەلدى. گەرچە ئۇ قىسقۇچپاقا بېقىشقا ئىرادە باغلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئىشنى قەيەردىن باشلاش، قانداق باشلاش توغرىسىدا تېخى ئېنىق سان يوق ئىدى. كۇ يۈەنچىن ئالدى بىلەن بۇلاق سۈيىنى ئېلىپ بېرىپ خىمىيىلىك تەكشۈرۈش قىلدى. نەتىجىدە، بۇلاق سۈيىنىڭ سۇ سۈپىتى ناھايىتى ياخشى چىقتى، بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ ئىشەنچ ئاتا قىلدى. ئۇ يەنە جياڭسۇ ئۆلكىسىگە بېرىپ سۇ مەھسۇلاتلىرى مۇتەخەسسىسلىرىدىن مەسلىھەت سورىدى، دەل مۇشۇ قېتىملىق جياڭسۇغا بولغان سەپەر ئۇنىڭغا مەمنۇن قىلارلىق جاۋاب تېپىپ بەردى. مۇخبىرنىڭ: «سىز ئەينى چاغدا باشقىلارنىڭ ئۇتۇق قازىنالماسلىقىدىكى سەۋەبنى بىلەلىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، كۇ يۈەنچىن: «مەن جياڭسۇدىكى كەسپىي يېزا ئىگىلىك مەكتەپلىرىگە باردىم، سۇ مەھسۇلاتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن تەلىم ئالدىم. مۇتەخەسسىسلەر سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى چوقۇم قىسقۇچپاقا قۇبۇل قىلالايدىغان تېمپېراتۇرىغا تەڭشەش كېرەكلىكىنى، بۇلاقتىن چىققان سۇنىڭ ئىنتايىن مۇزدەك بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولسا قىسقۇچپاقىنىڭ ئەي بولىشىغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى، چوقۇم ئامال تېپىپ سۇنىڭ تېمپراتۇراسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى» دېدى. كۇ يۈەنچىن مۇخبىرغا بۇلاق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى مۆلچەرلەپ بېقىشنى ئېيتتى. مۇخبىرنىڭ: «بۇ تېمپىراتۇرا تەخمىنەن قانچە سېلتسىيە گىرادۇس؟» دېگەن سۇئالىغا، كۇ يۈەنچىن: «بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە بۇلاق سۈيىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپراتۇراسى 15 سېلسىيە گىرادۇس ئەتىراپىدا بولىدۇ، ئادەتتىكى قىسقۇچپاقىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى نورمال تېمپىراتۇراسى بولسا 20، 25 سېلسىيە گىرادۇسنىڭ يۇقىرىسىدا بولىدۇ. 15 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا قىسقۇچپاقا يېمەكلىك يېمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. 

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى