قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك

2018-02-14 19:29:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاچقان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى پېڭشىن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چىڭ ئىشەنچ، تېخىمۇ پۇختا تەدبىر، تېخىمۇ ياخشى ئىستىل بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللە، يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ۋە مەخسۇس گۇرۇپپىلار، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جايلار، تارماقلار دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، تەسەۋۋۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇنجى يىل، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى پىلانلاش، ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «ئۈچنى ئۆزگەرتمەسلىك» پىرىنسىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىپ، زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش؛ جەزمەن باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىدە دىققەتنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش نىشانغا بويسۇنۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش؛ جەزمەن ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى ۋە تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، تىزىملىك تۈزۈپ، ھېسابات دەپتىرى ئېچىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باش نىشانغا، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىپ، پىلانلاشتا، مەسئۇلىيەتتە، ئىستىلدا، ئۈنۈمدە ئەمەلىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، «مىخ قېقىش روھى» ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى