قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلايمەن

2018-02-14 19:29:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىستانسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىن ئۆمەر

 ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما سىجىل دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، رەزىللىكنى يوقىتىپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىس- تۈتەكسىز كۈرەشتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

  «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئىككىسىنىڭ ماھىيىتى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسىلا رەزىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئاممىنى ئالداپ، قايمۇقتۇرۇپ، «مىللەت»، «دىن» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ىنى بۇرمىلاپ، پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىگە تۆھمەت قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى قوزغاپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى يوقاتماي، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى تازىلىماي تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەتكىلى بولمايدۇ.

  پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مۈجمەل تونۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى تار مىللەتچىلىكنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلۇشقا، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىگە مەردانە قارشى تۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقى، مۇقىملىقىغا پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس سېلىش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار.

  ئىدېئولوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇھىم خىزمىتى. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، بۇ قوشۇندا «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر چىرىتىشىگە ئۇچرىغان، پارتىيە ۋە خەلققە خائىنلىق قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى بولغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بايقالدى، ئۇلار قولىدىكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. تۈرلۈك ئەمەلىي پاكىتلار «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»تىنمۇ كاززاپ، خەتەرلىك، قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، زىيىنىنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق، چوڭقۇر بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  كادىرلار، ئامما «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا تەنقىدلەپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز كېرەككى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى. ھوشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكىمىزنى كۈچەيتىپ، مۈجمەل كۆز قاراش، ساختا نۇقتىئىنەزەر، يوشۇرۇن پىكىر ئېقىمى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى قايمۇقتۇرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى ئەستايىدىل پەرقلەندۈرۈپ، قەتئىي تۈزىتىپ ۋە تەنقىدلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدىشىمىز كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسكىن روھ، «سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاش»تەك جاسارەت بىلەن باش نىشاننى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ ھازىر دۇچ كەلگەن كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى تەكشۈرۈش، كۆرسىتىش قائىدە- تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىر پىروگرامما، ھەربىر كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى، ھەربىر ئېلان، ھەربىر شېئىر، ھەربىر ھېكايە، ھەربىر نەسىر، ھەربىر ناخشىدا ساقلانغان ياكى يوشۇرۇن ساقلانغان «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنى قەتئىي توسۇپ، گەپنىڭ تېگىدىكى گەپنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى قەتئىي ياخشى قوغداپ، دۈشمەن كۈچلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە قىلچە پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستانسا بويىچە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى