قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شادلىققا تولغان چاغاننى بىللە ئۆتكۈزەيلى

2018-02-22 19:37:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى (باغ- ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن خوتەنگەي مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىكىلەر 2- ئاينىڭ 19- كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى چاغانلىق بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىپ، ئۆزئارا سوۋغات بېرىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزدى.

    سۈرەتتە: مەھەللە كادىرى نۇرسىمان ھوشۇر (ئوڭدا) 2- ئاينىڭ 19- كۈنى تۇغقىنى تاۋ ئەيدۇڭغا شارپا سوۋغا قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز خەن لياڭ فوتوسى)

    چاغان مەزگىلىدە ئارال «شىننۇڭ» سۈتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 54 تىجارەت نۇقتىسىدا چاغانلىق بازارنى سۈت بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى.

    سۈرەتتە: خىزمەتچىلەر 2- ئاينىڭ 21- كۈنى جىددىي ئىشلىمەكتە. (ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى)

 

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرى سەيپۇڭكۆۋرۈك كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى 2- ئاينىڭ 20- كۈنى دېھقانلار بىلەن بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، چاغاننى خۇشال- خۇرام تەبرىكلىدى.

    سۈرەتتە: كەنت ئاھالىلىرى ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىدە. (ليۇ جۈن فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى