قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ بەخت يولى

2018-02-23 18:53:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

 2- ئاينىڭ 3- كۈنى يېزا يولىدا توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ جىرغىلاڭ يېزىسىغا كېتىۋاتقان ئاپتوبۇس. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 12- ئايدا «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يېزىلار، بولۇپمۇ نامرات رايونلار قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى، دېھقان- چارۋىچىلارغا بەخت- ئامەت ياغدى، ئاساسىي قاتلامدا ئەل قەلبى پارتىيەگە مايىل قىلىندى.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مۇخبىرلىرىمىز كېرىيە، توقسۇ، سانجى، توققۇزتارا قاتارلىق ناھىيە- شەھەرلەردە «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ مۇخبىرلىق قىلدى. بۇ جەرياندا توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ يول ياساش ۋە ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، يېزا يولىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەنلىكى؛ سانجى شەھىرىنىڭ شەھەر- يېزا ئاممىۋى قاتنىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرغانلىقى؛ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، ئىناق، گۈزەل يېڭى كېرىيە بەرپا قىلغانلىقى؛ توقسۇ ناھىيەسىنىڭ يېزا- بازارلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان، بىخەتەر، قولاي، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان يېزا- بازار يولۇچىلار تىرانسپورتى بىر گەۋدە قىلىنغان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. بۇ ناھىيە- شەھەرلەرنىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى «ھەممە كەنتنى تۇتاشتۇرۇش»، «يوللار گۈزەل»، «پۇقرالار بەختلىك» بولۇشتەك جانلىق مەنزىرىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈردى.

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا يولى قۇرۇلۇشىغا 42 مىليارد 375 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يىللىق ئومۇمىي نىشان %141.25 ئورۇندالدى؛ يول قۇرۇلۇشىدىن 28 مىڭ 400 كىلومېتىر تاماملىنىپ، يىللىق ئومۇمىي نىشان %189.33 ئورۇندالدى. جەمئىي 200 يېزا- بازار، 1900 ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتى ياخشىلىنىپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ ئاھالە مەنپەئەتلەندى. ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا يولى ئومۇمىي مۇساپىسى 122 مىڭ 800 كىلومېتىرغا يەتتى.

  (لىن يىڭ)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

 

    كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسى قۇمباغ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ناھىيە بازىرىغا قاتنايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن چۈشمەكتە. (مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)  

  توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ جىرغىلاڭ يېزىسىدىكى ئىستۇدېنتلار 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۆيىگە قايتماقتا. ھازىر بۇ ناھىيەدە 51 يولۇچى توشۇش لىنىيەسى ئېچىلىپ، 13 يېزا- بازار، مەيدان ۋە 53 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

    كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى قۇمباغ كەنتىدىكى ئاھالىلەر 2- ئاينىڭ 3- كۈنى توكسىكلىتلىرىنى ھەيدەپ، يېزا يولىدا بازارغا ماڭماقتا. (مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)

 

   سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى چېن مىڭ 2- ئاينىڭ 1- كۈنى سانجى شەھىرىدىكى «ياجۇڭ» يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ياشانغان موماينى يۆلەپ ئاپتوبۇسقا چىقارماقتا. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)  

   توقسۇ ناھىيەسىنىڭ پەيشەنبە بازار يېزىسى يۇڭفېڭجۇاڭ كەنتىدىكى تۇنىياز قۇربان (ئوڭدا) 2- ئاينىڭ 2- كۈنى يېزا يولىدا كۆكتات، مېۋىلەرنى يۆتكىمەكتە. يېزا يولى تۇنىيازنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. (ياڭ لېي فوتوسى)

 

    2- ئاينىڭ 1- كۈنى سانجى شەھىرىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى شالئۇگۇڭ كەنتىدىكى ما رۇڭچېڭ قىزى بىلەن بىللە يېزا يولىدا پىكاپلىق شەھەرگە مال سېتىۋېلىشقا ماڭدى. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

 

    توققۇزتارا ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى يول ئاسراش ئەترىتىنىڭ ئىشچىسى 2- ئاينىڭ 4- كۈنى جىرغىلاڭ يېزىسىغا بارىدىغان يولدا قار تازىلىماقتا. (مۇخبىرىمىز زۇ يى فوتوسى)

 

    توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەن يېزىسىدىكى ئامما 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ناھىيە بازىرىغا كېتىپ بارماقتا. ھازىر بۇ ناھىيەدە يېزا نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى 488گە، يېزا- بازارلارغا ئاپتوبۇس قاتناش نىسبىتى %100كە يەتتى. (ياڭ لېي فوتوسى)

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى