قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 نېمە ئۈچۈن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بولىدۇ؟

2018-02-26 19:25:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يەر شارى ھەر 24 سائەتتە ئۆز ئوقى ئەتراپىنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تەكشى بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئالىملارنىڭ ئۆلچىشىدە، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئۆزگەرمەس نەرسە بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ سۈرئىتى بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھەر يىلى 8-، 9- ئايلاردا ئەڭ تېز، 3-، 4- ئايلاردا ئەڭ ئاستا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا يىل بىلەن يىل ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش سۈرئىتىدىمۇ پەق بولىدىكەن. ستاتىستىكىلىق مەلۈماتلارغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 300 يىلدىن بۇيان، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى 1870- يىلى ئەڭ تېز، 1903- يىلى ئەڭ ئاستا بولغان.
 يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب - دېڭىز سۈيى ئورنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ياكى تۆۋەنلىشىدىن ئىبارەت. يەنە كېلىپ، دېڭىز سۈيى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى يەر شارىدىكى مۇزلۇقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر مۇزلۇقلار كۆپلەپ ئېرىپ كەتسە، دېڭىز يۈزى كۆتۈرۈلۈپ يەر شارىنىڭ ماسسىسىغا مۇناسىپ ھالدا رادىئۇسى ئاشىدۇ، ئايلىنىش ئىنېرتسىيە مىقدارىمۇ ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. ئەگەر مۇزلۇقلار ئاز ئېرىسە، دېڭىز يۈزى تۆۋەنلەپ، يەر شارىنىڭ ماسسىسىغا مۇناسىپ ھالدا رادىيۇسى كىچىكلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايلىنىش ئىنېرتسىيە مىقدارىمۇ ئازلايدۇ- دە، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ. تارىخقا قارايدىغان بولساق، 1870- يىلى كىلمات سوغۇق بولۇپ، مۇزلۇقلار ئاز ئېرىگەنلىكتىن دېڭىز يۈزى تۆۋەن بولغان. شۇڭا يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى تېز بولغان. 1903- يىلى پۈتۈن يەر شارى تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان. شۇ يىلى ئانتاركتىكادىكى مۇزلۇقلارنىڭ قېلىنلىقى 1870- يىلىدىكىن 25 مېتىر تۆۋەنلەپ دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئاستىلىغان.
قۇياش سىستېمسىدا قايسى ئاسمان جىسىملىرى بار؟قۇياش سىستېمىسىدا توققۇز چوڭ پلانېتىدىن سىرت، يەنە باشقا ئاسمان جىسملىرى، نۇرغۇن كىچىك پېلانېتىلار، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ۋە ئاقار يۇلتۇزلار بار. ھازىرغىچە رەسمىي نۇمۇر قويۇلغان كىچىك پلانېتىدىن 2958 ئى بار. بۇنىڭدىن باشقا، توققۇز چوڭ پلانېتىنىڭ بەزىلىرىنىڭ يەنە تەبئىي ھەمراھى بار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى