قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارغا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىپ تۇرغاننىڭ زىيىنى يوق

2018-02-26 19:47:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەجىرىبىلىك ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەر چىشى چىقىشقا  باشلىغان بوۋاقلارغا قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇسۇل بالىنىڭ تىلىنى بالدۇراق چىقىرىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، كۆرۈش  قۇۋۋىتىنىمۇ تەڭشەيدۇ، مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەڭشەيدىغان مۇسكۇللار بىلەن چىشنىڭ چايناش ھەرىكىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئۇزاققىچە چايناش ھەرىكىتى بولمىسا، ئەتراپ مۇسكۇللار ئاجىزلاپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ياخشى- يامان بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ».
بەزى كىشىلەر چۈشكۈرگەندە ئاۋازى ناھايىتى يۇقىرى چىقىدۇ. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىققان ھاۋا ئېقىمى يۇمشاق ئاۋاز پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاۋاز پەردىسىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ئاۋاز بوغۇق چىقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ بۇرۇن ياللۇغى بىمارلىرىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېكىردەكنى قىرماسلىق، يەنى كېكىردەك قۇرۇغاندەك ياكى بىر نەرسە باردەك ھېس قىلغاندا، چوقۇم قىرىپ چىقارماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ھاۋا شىلىمشىق پەردىدە تۇرۇپ قېلىپ، سۈركىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ گالنى غىدىقلايدۇ. نەتىجىدە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. چۈشكۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتىش، كۆپ سۇ ئىچىپ بېرىش، ئاچچىق، سوغۇق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش لازىم.
پەسىل ئالماشقاندا كۆپلىگەن كىشى زۇكامدىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دورىسىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز لازىم. چۈنكى قىسمەن زۇكام دورىلىرى ياشنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلاپ، مۇڭگۈز پەردىسىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. نەتىجىدە كۆز قۇرغاقلىشىدۇ. ئادەم زۇكام بولغاندىن كېيىن كۆرۈش تور پەردىسى يېنىك دەرىجىدە ياللۇغلىنىدۇ. قارىچۇق ئەينىكى ياللۇغنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپلىگەن غەربچە دورىلار، يەنى زۇكامغا تاقابىل تۇرغۇچى ھەم ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئاتسېتامىنو قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ئېغىز، بۇرۇن، كۆزنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ياشنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى تورمۇزلايدۇ، شۇڭا بۇنداق ئەھۋالدا قارچۇق ئەينكى تاقىغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا زۇكام دورىسى ئىچىۋاتقان مەزگىلدە ئامال بار قارچۇق ئەينىكى تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشى قانداقلا يۇيۇنسام، پاكىز بولساملا بولدىغۇ، دەپ ئويلايدۇ. لېكىن يۇيۇنۇشنىڭمۇ توغرا ئۇسۇلى بار، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن يۈزنى، ئاندىن بەدەننى، ئاخىرىدا باشنى يۇيغان ياخشى. ئىسسىق سۇنى ئاچقاندىن كېيىن، مۇنچىنى ھور قاپلايدۇ. بەدەندىكى تەر تۆشۈكچىلىرى ئىسسقتىن كېڭىيىدۇ. ئەگەر بۇ چاغدا باشتا يۈزىمىزنى يۇيمىساق، يۈزدىكى چاڭ-توزانلار تەر تۆشۈكچىلىرىگە كىرىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تەر تۆشۈكچىلىرى كېڭيىپ، تېرە يىرىكلىشىدۇ. بەدەننى پاكىز يۇيۇپ بولغۇچە چاچمۇ ھوردا يۇمشايدۇ، بۇ چاچ يۇيۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. شۇڭا چاچنى ئاخىردا يۇغان ئەڭ مۇۋاپىق.
بەزىلەر ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ ئۇيقۇسى كەلسە، سوغۇق سۇدا بېشىنى يۇيۇپ راھەتلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭ ۋاقىتلىق ئۈنۈمى كۆرۈلگەندەك قىلغىنى بىلەن سالامەتلىككە زىيىنى بار. ئادەم يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ياكى كىتاب ئوقۇغاندا چوڭ مېڭە ھەرىكەتچان ھالەتتە تۇرىدۇ، ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ھاردۇق يېتىپ باش قايىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق چاغدا سوغۇق سۇدا باش يۇيۇلسا چوڭ مېڭىنىڭ غىدىقلىنىش جەريانى زورمۇ زور ساقلاپ قېلىنىپ، غىدىقلىنىش بىلەن تىزگىنلەش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزاققىچە داۋاملاشسا نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
يېقىندا مۇتەخەسسىسلەر 50 مىڭ ئادەم ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقارغان: بەدەن ئېغىرلىقى 84 كىلوگىرام كېلىدىغان بىر ئادەم ناشتىدا تويۇنۇپ، چۈشلۈك تاماقنى قۇۋۋەتلىك، كەچلىك تاماقنى ئادەتتىكىچە يېسە، يىلدا ئىككى يېرىم كىلوگىرام ئورۇقلىيالايدۇ، ئورۇقلاش ئۈچۈن زىيادە چېنىقىش ۋە تاماقنى ئازايتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بەزىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئۇسۇل بىلەن بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچىنى ساغلام سەۋىيەگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يەنە بىر كۈندە ئەڭ ئاخىرىدا تاماق يېگەن ۋاقىت بىلەن ناشتا قىلغان ۋاقىت ئارىسىدىكى ئارىلىقنىڭمۇ بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئۇلار مۇنداق قارىغان: نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، چوقۇم ناشتا بىلەن چۈشلۈك تاماقنى يەپ، كەچلىك تاماقنى يېمەسلىكى، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەپ، ناشتىنى بىر كۈندىكى ئەڭ مۇھىم بىر ۋاق تاماققا ئايلاندۇرۇشى، كۈنلۈك تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش ۋاقتىنى 18 سائەت ئەتراپىدا تىزگىنلەش لازىم. ئادەم ناشتىدا تاماقنى كۆپ يېسە قورساق ئېچىش تۇيغۇسىنى، بولۇپمۇ تاتلىق يېمەكلىك ۋە ياغقا بولغان ئېھتىياجنى ئازايتالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى