قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەن يامغۇرغا ئامراق

2018-02-27 16:59:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېھرىگۈل تۇرغۇن

 مەن يامغۇرغا بەك ئامراق. چۈنكى، تۇنجى دوست تۇتۇشۇم باھارنىڭ مەرۋايىتتەك يامغۇرى ياغقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە باشلانغان.
بىرەر دوستۇممۇ يوق قىز ئىدىم، مەن دوست تۇتۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم.
  باھارنىڭ ئىللىق كۈنلىرى ئىدى، سىنىپتا ساۋاقداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتىم. مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان گۈلنىگار ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم يېنىمغا كېلىپ چۆچەك كىتابنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى، ئەتە كەچتە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بېرىپ تۇرغۇم بولمىسىمۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئامالسىز بەردىم. ئەتىسى ئۇ كىتابنى ئۆيىدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى، مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە مەھەللىدىكى دوقمۇشتا ساقلاپ تۇرسام ئەكىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم. مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە ئۇ ئۆيىگە كەتتى، مەنمۇ ئۆيگە ماڭدىم.
   ئۆيدە تېلېۋىزور كۆرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز گۈلنىگارنىڭ گەپلىرى ئېسىمگە كەلدى-دە، چاپىنىمنى ئېلىپ مەھەللىمىزدىكى دوقمۇشقا ماڭدىم. تۇيۇقسىز يامغۇر ياغقىلى تۇردى، سوغۇق ئىدى، دوقمۇشقا كەلگەندە توختاپ قالدىم. ئالدىمدا گۈلنىگار تۇراتتى، ئۇ چىلىق - چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. كىتابنىڭ ھۆل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن باغرىغا مەھكەم بېسىپ تۇراتتى.
   گۈلنىگارنى بۇ يامغۇردا كېلەر دەپ ئويلىمىغانىدىم. ئۇ ماڭا كىتابنى بەرگەچ «رەھمەت» دېدى. گۈلنىگارنىڭ بۇ بىر ئېغىز سۆزى پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتىۋەتتى، بەك خىجىل بولدۇم، يۈزلىرىم ئوتتەك قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. يامغۇر شارقىراپ ياغسىمۇ يۈزۈمدىكى ھارارەتنى ئۆچۈرەلمىدى.
  ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، كىتابنىڭ ئىچىدىن بىر ۋاراقچىنى بايقىدىم. ۋاراقچىگە: «كىتابنى بېرىپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، سىز بىلەن دوست بولغۇم بار، خالامسىز؟» دەپ يېزىلغانىدى. خەتنى كۆرۈپ يۈزۈمگە سوغۇق شامال ئەمەس، بەلكى گۈلنىگارنىڭ دوستلۇق مېھرى ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلدىم. يامغۇر يەنىلا شارقىراپ ياغماقتا. بۇ يامغۇر ئىللىق باھارنىڭ ئاخىرلاشقىنىدىنلا ئەمەس، بەلكى دوستلۇقىمىزنىڭ باشلانغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى