قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىز نېمە ئۈچۈن سەمىمىيلىككە شۇنچە مۇھتاج

2018-02-27 19:10:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نەچچە يىلللار ئىلگىرى تېلېۋىزوردا بىرىلگەن بىر ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانىدا مۇنداق دىيالۇگ بار.    
- يىگىت، ئاپىلسىنىڭىز تاتلىقمۇ ياكى ئاچچىق- چۈچۈكمۇ؟
- ئاپىلسىنىم تاتلىق.
- ئاپلا ئاپىلسىنىڭىز ئاچچىق- چۈچۈك بولغان بولسا ئالاتتىم.
- بوۋا ئاپىلسىنىم ئەسلى ئاچچىق- چۈچۈكتى، مەن شۇنداقلا دەپ قويغان.
- سىزدەك سەمىمىيەتسىز ئادەمدىن قانداقمۇ نەرسە- كېرەك سېتىۋالغىلى بولسۇن.
بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە ئۇ يىگىتنىڭ ئالدىدىن كىتىپ قالىدۇ، يىگىت سەمىمىيەتسىزلىكى تۈپەيلى، بوۋاينىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ، سودىسىنىمۇ يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ.
ئۇنداقتا كىشىلەردىكى سەمىمىيلىك قانداق شەكىللىنىدۇ؟
سەمىمىيلىك شۇ كىشىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، دۇرۇس ئادەم بولۇش يولىدىكى تەۋرەنمەس تىرىشچانلىقى بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
نۆۋەتتە جەمئىيەت توختىماستىن ئالغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى شىددەت بىلەن تېزلىشىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆزى، قۇلىقى ئىلگىرى پەقەتلا كۈرۈپ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىدىن- يېڭى شەيئى- ھادىسلەر بىلەن قۇيۇق ئۇچىراشماقتا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت، تىل ئالاقە ئىشلىرى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش، ھەتتا باشقىلاردىن ئېشىپ كىتىش كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي نىشانى بولۇپ قالدى.
مانا مۇشۇنداق پەۋقۇللادە شارائىتتىمۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى بولغان سەمىمىيلىكنىڭ كۇرسى چۈشمەستىن بەلكى تېخىمۇ ئۆسىۋاتىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى بىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز بولغان، بىزگە غايىۋى كۈچ بىرىۋاتقان خېلى كۆپ سەمىمىي كىشىلىرىمىز بۇنىڭ مىسالى. ھازىر مەيلى لايىق تاللاش، باشقۇرغۇچى تاللاش، خىزمەتچى تاللاش مەيلى ئىلغار سايلاشلار بولسۇن ھەممىلا ئىشتا شۇ كىشىنىڭ سەمىمىيلىكىگە قويىلىۋاتقان تەلەپ يەنىلا يۇقىرى. سەمىمىيەتسىز كىشى قانداقلا ئىش بولسۇن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىرەلمەيلا قالماستىن، ئۇنىڭ تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرى تۈرلۈك ئىشلارغا زىيان سېلىشى مۇمكىن.
ماددى بايلىقنىڭ موھىم بۇلۇشى، تۇرمۇش رېتىمنىڭ تېز بولۇشى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، ماددى مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى قاتارلىقلار بىر قىسىم كىشىلەردىكى سەمىمىيلىكنىڭ سۇسلىشىپ كىتىشىگە ھەرگىز باھانە بولالمايدۇ. سەمىمىيلىك بىزدىكى زور مەنىۋى بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈرلۇك غايە مەنزىللىرىمىزگە يىتىشىمىزدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرىمىز، ھەربىرىمىز بۇ بىباھا ئەڭگۈشتىرىمىزنى ئوبدان قەدىرلەپ ساقلاپ كىشىلىك ھاياتىمىزنى قەدىر- قىممەتكە ئىگە قىلايلى، سەمىمىيلىك ھەممىمىزگە كۈندە ھەمرا بولسۇن، چۈنكى ھەمىمىز سەمىمىيلىككە شۇنچە مۇھتاج.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى