قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باھانە تاپماڭ، چارە ئىزدەڭ

2018-02-27 19:11:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەرقانداق بىر ئىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ياكى مەغلۇپ بولغاندا، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقتىن ۋايساپ باھانە ئىزدەمسىز ياكى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ شۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ چارە ئىزدەمسىز؟ قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە باھانە ئىزدەش پاسسىپ پوزىتسىيەنىڭ ئىپادىسى. ناۋادا بىرەر كىم سىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمىغانلىقىڭىزغا باھانە كۆرسىتىپ ئۇلارنى قايىل قىلغان، چۈشىنىشىنى، ئەپۇ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگەن ياكى ئۆزىڭىزنىڭ  كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ، تەسەللىي تاپقان بولسىڭىزمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق باھانىۋازلىق ئىقتىدارىڭىزنى، ئوبرازىڭىزنى ئاستا- ئاستا خۈنۈكلەشتۈرىدۇ. سىزگە  شۇ  خىزمەتنى  تاپشۇرغان  كىشى قارىماققا سىز تاپقان «ئۈنۈملۈك»، «مۇۋاپىق» باھانىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغان، سىزگە يەنە پۇرسەت بەرگەندەك قىلغىنى بىلەن، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا سىزگە بىر چىكىت قويۇپ قويغان بولىدۇ.
تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇساپىمىزدە بەزى پىلان، ئىشلىرىمىز ئويلىغىنىمىزدەك يۈرۈشمەي، كۆزلىگەن مەقسەت- نىشانغا يېتەلمەي قېلىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن زېھنىمىزنى يىغىپ چارە- تەدبىر ئىزدەش، ئانچە- مۇنچە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە تايىنىش، ئۇچۇر ئىگىلەپ كەسكىن پوزىتسىيەدە بولۇش ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. سىزنى ئىشقا بۇيرۇغۇچىلار بەزىدە سىزنى سىناش، ئىقتىدارىڭىزنى مۆلچەرلەپ بېقىش، خىزمەتتىكى ھەقىقىي پوزىتسىيەرىڭىزنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ھەل قىلىشقا سەل كۈچ كېتىدىغان خىزمەتلەرگە بۇيرۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق چاغدا سىز چارە- تەدبىر ئىزدەپ، شۇ  خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ پاسسىپ پوزىتسىيەدە بولۇپ باھانە- سەۋەب ئىزدىمەسلىكىڭىز لازىم.
 ئەمەلىيەتتە باھانە- سەۋەب ئىزدەش توغرا ۋە ساغلام بولمىغان بىر خىل ئادەت ھەم پاسسىپ ئۇسۇلىدۇر. باھانە ئىزدەپ ئۆزىڭىزگە ۋاقىتلىق تەسەللىي تاپقاندەك قىلغىنىڭىز بىلەن، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۆزىڭىز تەبىئىي ھالدا باھانىۋازلىققا كۆنۈپ قېلىپ، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋېلىپ مىدىرلىغىڭىز كەلمەيدىغان بولۇپ قالىسىز- دە، ئۆزىڭىزنى نابۇت قىلىسىز. خىزمەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالىمايدىغان، ئازراقلا قىيىنچىلىق ياكى سەل كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارغا يولۇققاندا ئالدى- كەينىنى ئويلاشماي، سىناپ باقماي، ئازراق بولسىمۇ تىرىشىپ بېقىشقا رايىڭىز بارماي، باھانە- سەۋەب ئىزدەشكە ئالدىرايدىغان بولۇپ قالىسىز-دە، خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدىكى «يۈك»كە ئايلىنىپ قالىسىز.
 بىر مۇۋەپپەقىيەتشۇناس شۇنداق دېگەن: «دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلىساڭ، چوقۇم ئۇلۇغ بىر يول ئاچقۇچىغا ئوخشاش يەتمەكچى بولغان ئارزۇيىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۆزۈڭنى بېغىشلىيالىشىڭ كېرەك، شۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭنىڭ ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرالايسەن، ئۇنى دەسمايە قىلالايسەن». دېمەك، قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىق خىزمەتتىكى ئالىي پەزىلەت. خىزمەتكە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولغاندا، ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى، قابىلىيەتنى نامايان قىلغىلى، ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرغىلى، ئەتراپىمىزدىكى خىزمەتداشلىرىمىزغا ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكىلى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىشىغا، ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. خىزمەتكە قىزغىن پوزىتسىيەدە بولغاندا كەيپىيات كۆتۈرەڭگۈ، زېھنىمىز ئوچۇق، ئىشەنچىمىز تولۇق، چارە- تەدبىر تېپىشقا ماھىر بولىمىز. مانا بۇ ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئاساسى. بىرەر ئىشقا باھانە ئىزدەش گۈزەل ئەخلاققا مۇخالىپ كىلىدۇ. ھەر قانداق ئىشتا گۈزەل ئەخلاقنى يار قىلايلى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى