قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بەخت تۇيغۇسى ھەققىدە

2018-02-27 19:12:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ- يوق؟ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا تەس بولمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىم- بېرىمىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال- خورام بولۇۋاتقانلىقىنى، قىيىنچلىقتا قالغاندا، بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز.
بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تازا تونۇپ يېتەلمەي، روھىي كەيپىياتنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا بولىدۇ. ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ. ئېھتىمال ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز.
تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگنوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە- كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز.
«بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت- ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى