قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەھمىيەتسىز پۇشايمان

2018-02-27 19:37:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پۇشايمان دۇنيادىكى ئەڭ سەلبىي كەيپىيات، ئەمما نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي يۈرىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە كىشىگە چەكسىز ئازاب ئەكىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە نەزىرىمىزدىكى قىلىپ بولۇپ ئاندىن قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن ياكى قىلىشقا تېگىشلىك، ئەمما قىلمىغان ئىشلارنى قايتا قىلىش پۇرسىتى بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننىڭ ئورنىنى مەڭگۈ تولدۇرالمايدۇ. مۇھىمى شۇكى، ئۇ ھەرقېتىم بىزنى « يوقلاپ كەلگەن» چاغدا، مۇمكىنقەدەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى ئۇزارتىش ھەم ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېيىشكە جۈرئەت قىلىش كېرەك:
  - قەدەم تەشرىپىڭگە رەھمەت، بۇ ئىش ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى، مەيلى مەن قانداق قىلاي، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولالمايمەن، ھازىر ماڭا نىسبەتەن ئىچكى دۇنيايىمنىڭ تىنچلىقى ھەھممىدىن مۇھىم.
 نۇرغۇن ئادەم ھېسسىيات ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۇلار بىر بولسا تاماكىنى بىر- بىرىگە ئۇلاپ چېكىدۇ، بىر بولسا ھاراققا چىلىشىپ جېنىغا ئىكەك سالىدۇ، ھەتتا  ئېرىشىشكە تېگىشلىك بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كېچىدۇ. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، بۇنداق ھېسسىيات ھەممىنى كەينىگە ياندۇرۇپ توغرا يولغا سالغىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇ دۇنيادا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەڭ قىيىن نەرسە دەل ئادەمنىڭ كەيپىياتى، بولۇپمۇ ھېسسىي دۇنيادا ئەڭ كارغا كەلمەيدىغان نەرسە پۇشايمان. پۇشايمان ئادەمنى ئەسلىگە قايتۇرالمايلا قالماستىن، ئاللىقاچان سادىر بولۇپ بولغان خاتالىقنى ئورنىغا كەلتۈرۈپمۇ بولالمايدۇ. ئۆتمۈشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن ئادەم ئەڭ ئاجىز، مەنپەئەتپەرەس، قىتىغۇر، كۆكسى- قارنى كىچىك، نەزەر دائىرىسى تار ئادمدۇر. بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ توغرا ئىش ھەرقانداق نەتىجىنى ئېتىراپ قىلىش ھەم ئۇنى قۇبۇل قىلىش، ئاندىن مۇھىم نۇقتىنى كەلگۈسىگە قارىتىش.
گەپنى تۈگەللىگەندە، كىشىلىك ھاياتتا ئادەمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمايدىغان ئىش نۇرغۇن، بىراق ھەقىقىي كامال تاپقان ئادەم ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قۇبۇل قىلىپ كەيپىياتىنى ۋاقتىدا تەڭشەشنى بىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى