قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئايىغى چىقماس ئاغرىنىش

2018-02-27 19:38:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  بەلكىم بىزنىڭ ئاغرىنىشىمىزغا مۇنداق ئۈچ سۆز سەۋەب بولۇشى مۇمكىن: كېچەلمەسلىك، كۆرەلمەسلىك، ئۇنتۇيالماسلىق.
  شۇنداق بىر جۈپ ئەر- خوتۇن بولغانىكەن، ئۇلارنىڭ كۈنى جېدەل بىلەنلا ئۆتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار داڭلىق پىسخىلوگنىڭ ئالدىغا دەرد تۆكۈپ بېرىپتۇ. پېسېخولوگ ئىككىسىنىڭ ئايىغى چىقماس ئۇششاق سەۋەب ۋە ئاغرىنىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق بىر ئېغىز گەپنىلا قىپتۇ: 
  - سىلەرنىڭ ئەينى چاغدا توي قىلىشتىكى مەقسىتىڭلار مۇشۇنداق ئەھمىيەتسىز ئۇششاق ئىش سەۋەبىدىن ئاغرىنىش، ھەتتا جىدەللىشىشمىدى؟
  بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ ئولتۇرۇپ قالغانىكەن.
  بىلىش كېرەككى، ئاغرىنىش ئادەم بەدىنىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان زەھەرلىك ئۆسمە، ئۇ ئادەمدىكى چۈشكۈن كەيپىياتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ تارقىلىدۇ، ئۇنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ بىردىنبىر ئۈنۈملۈك دورىسى كەيپىياتنى كونتىرول قىلىش، ھەرگىزمۇ كەيپىياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىق.
بىز دائىم بەزىلەرنىڭ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى ئۆزى كۈتكەن يەردىن چىقمىغان چاغدا ئاسانلا ئاغرىنىدىغانلىقىنى، غۇدۇڭشىپ كېتىدىغانلىقىنى، خۇددى شۇنداق قىلسا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى، ئىشلارنى ئۆزىنىڭ يولىغا چۈشۈرگىلى بولىدىغاندەك، بارغانسېرى كۆكلەپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمەلىيەتتە مەسىلە يەنىلا كونا يېرىدە تۇرىۋېرىدۇ، ھەل قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ، ئاغرىنىش پەقەت ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانغا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغانغا باراۋەر. بۇنداق چاغدا قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەرھال تىنچلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋېلىش، مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ ھەل قىلىشنىڭ، ھېچ بولمىسا ئۇنىڭدىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى قىلىشتۇر. قايسىبىر پىسخىلوگ بۇنداق بىر گەپنى قىلغان: « دۇچ كەلگەن ھەرقانداق كۆڭۈلسىزلىكتىن ئاغرىنىش بىھاجەت، چۈنكى مەۋجۇت بولغانلىقنىڭ ئۆزى مۇۋاپىقلىق، سەن دۇچ كەلگەن بارلىق مۇئامىلىنىڭ ئۆزىگە خاس مەۋجۇتلۇق ئارقا كۆرۈنىشى، شەرتى ۋە سەۋەبى بار.»
شۇنداق، ئادەم باشقىلارنى كونترول قىلالمايدۇ، بىراق ئۆزىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ؛ ئادەم ھاۋارايىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بىراق ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى تىزگىنلەش، كەيپىياتىنىڭ خوجايىنى بولۇش ئايىغى چىقماس ئاغرىنىشنى تۈگىتىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بۇرادەر، ھايات ئىنتايىن قىسقا، شۇڭا ھاياتقا كۈلۈپ قاراپ، مەنىلىك ئۆتكۈزۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى