قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى كەمسۇندۇرماڭ؟

2018-03-11 21:36:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ- كېلىش جەريانىدا تۈرلۈك ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. بەزى ئىشلار ئادەمنى سۆيۈندۈرسە، بەزى ئىشلار ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ. بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپ، بوش ئورۇندا ئولتۇردۇم. ئالدىمدىكى ئورۇندا ياشقىنە بىر ئانا بەش- ئالتە ياشلاردىكى قىزى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشپ ئولتۇرغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى. ياش ئانا قىزىدىن:
ـ قىزىم، چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟ دەپ سورىۋېدى، قىز چۈچۈك تىللىرى بىلەن،
ـ مۇئەللىم ياكى مۇزىكانت بولىمەن، دېيىشىگىلا، ئانا رەنجىگەن تەلەپپۇزدا،
ـ نەدىكى گەپلەرنى قىلىدىكەنسىز، ئوقۇتقۇچىلىق، مۇزىكانت دېگەنلەر جاپالىق كەسىپ، سىز چوڭ بولغاندا چوقۇم دوختۇر بولىسىز، مەن سىزنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتىمەن، دېدى. قىز ئاپىسىنىڭ سۆزىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ:
ـ ياق، مەن چوڭ بولغاندا چوقۇم مۇئەللىم بولىمەن، دېدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئايال قىزىغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى.
مەن بۇ ئانا- بالىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم ۋە ئىختىيارسىز ئوغلۇمنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكى ئارزۇسى، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئارزۇ تولدۇرغاندا ئېيتقان سۆزلىرى يادىمغا كەلدى. ئوغلۇم كىچىك چاغلىرىدا باشقىلارنىڭ «چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟» دېگەن سوئالىغا دائىم «ساقچى بولىمەن» دەپ جاۋاب بېرەتتى. لېكىن ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، ئارزۇ تولدۇرغاندا ئۆزىنىڭ باشقا ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقانىدى. شۇ چاغدا مەن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىنى تازا ياقتۇرمىغىنىمدا، ئۇ، «ئاپا، ئالىي مەكتەپتە سىز ئوقۇمايسىز بەلكى مەن ئوقۇيمەن، شۇڭا، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇسىنى ماڭا تاڭماڭ» دېگەن.
ئەمەلىيەتتە ئاتا -ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن «چوڭ بولغاندا نېمە بولىسىز؟» دەپ سوراپ، ئۇلارنىڭ رايىنى بىلىپ بېقىشى ماھىيەتتە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بالىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بالىلارنىڭ كىتاب تاللاپ ئوقۇشى كەلگۈسىدە شۇ بالىلارنىڭ ئالىم ياكى تەتقىقاتچى بولىدىغانلىقىدىن، ناخشا- مۇزىكىغا قىزىقىشى شۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدە داڭلىق ناخشىچى ياكى مۇزىكانت بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىراق، ھەۋەس قىزىقىشقا، قىزىقىش ئارزۇ- ئۈمىدكە تۈرتكە بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئىنتىلىشى ۋە قىزىقىشىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
 ئارزۇنىڭ روياپقا چىقىشى ئەمەلىيەتتە تەسرەك بولسىمۇ، لېكىن بالىلارنىڭ كېلەچىكى توغرىسىدا ئويلىنىشى ھەممىمىزنىڭ سۆيۈنۈشىگە، پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدۇ. مېنىڭچە، بىز بالىلارنىڭ ساددا، گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە ئۇلارغا مەدەت بېرىشمىز كېرەك. چۈنكى، بالىلار ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئارزۇسىنى ۋە ئەكسىچە ئارزۇسىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن. بىزدە «ھۈنەر بولسا قولۇڭدا گۈل ئېچىلار يولۇڭدا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا، بالىلىرىمىزنىڭ ھۈنەر- كەسىپ ئىگىلىشى ياخشى ئىش. بالىمىزنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگەن ئىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيەلەپ، ئاندىن بالىمىزنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى