قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئاياللار ئۆگىنىشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك

2018-03-11 21:38:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ياشاش جەريانىدا شۇنى ھىس قىلىمىزكى، ماددىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنىۋىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە سەل قارىسا ۋۇجۇدىدا ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسە كەملىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. پەققەت روھىي جەھەتتىكى تويۇنۇشلا ئاياللارغا ھەقىقىي مەنا، گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالايدۇ. 
ئۆگىنىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەل شۇ كىتاپ كۆرۈشتىن باشىنىدۇ. ئادەتتە بىلىمنىڭ بىر قىسمىنى كىتاپتىن ئالساق، يەنە بىر قىسمىنى ئەمىلىيەتتىن ئالىمىز. بىر دانا«ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا» دېگەن. شۇڭا ئانىلار ئۆزىمنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيلا قالماي، يەنە قىز پەرزەنتىمىزنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىشىگە، ئىلىم- پەن، ئەخلاق- پەزىلەت ۋە يۈرۈش تۇرۇشتىمۇ تەڭ يېتىشىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋال ئانا بولغۇچىلار ئۆزىمىزدىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەر خىل ھۈنەر تېخنىكا، ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز، ھەر بىر كۈنىمىزنى ئەڭ مۇھىم، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىمىز، مائارىپ، ھۈنەر- مەدەنىيەت بىلەن ساپارىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشىمىز لازىم. ئاياللىرىمىزدىن يېڭى، قولاي، ھەممىگە يارايدىغان تۈرلۈك  ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېنىك سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ياسايدىغان تېخنىك ئۇستىلار، كەشپىياتچىلار، ئىنژىنېر، ئالىملار.... چىقىشى كېرەك. بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ داۋامى، مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ مەناسى بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزدۇر. نۇرغۇن  مۇۋەپپەقىيەتلەر بالىلىق مەزگىلدىكى تۇرمۇش ۋە مائارىپ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىزنىڭ زور كۆپ ساندىكى پەرزەنتلىرىمىز ئانىلارنىڭ ئىجدىھات بىلەن تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنە بەزى ئانىلار يەنە ئۆزى بىلگەن يوللاردا مېڭىپ، پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەي كەلمەكتە.  ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتا ئالدىراشلىقتىن «ئۇھ» دىگىلىمۇ ۋاقتى يوق بولاتتى، خىزمەتتە تىرىشمىسا بولمايدۇ، ئائىلىدە ئاشخانىدىن تارتىپ ھاجەتخانىغىچە، بالىلارنىڭ ھوجرىلىرىنى رەتلىمىسەك بولمايتتى، ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىمنىڭ  كىيىم- كېچەكلىرىگە كۆڭۈل بۆلىشى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاغزىغا تېتىدغۇدەك تاماق تەييارلىمىسا، ئائىلە مۇھىتى كۆڭۈلسىز بولۇپ قالاتتى... .... بىر قىسىم ئاياللار شۇ ئالدىراشلىقلار ئىچىدىن نىمە ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ يەنە ئۆگىنىۋاتىدۇ؟ ئېنىقكى ئۇلار كۆپ خىللىق بولۇشنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشكە، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، بىلىمسىزلىكنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نومۇس  ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن.  ئاياللىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئەنە شۇنداق ئۆگىنىش، ئىزدىنىش روھى بولۇشى كېرەك. بۇنى ھەر بىر قىز- ئايالنىڭ ئەمىلىي ھەركىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. ئەمما خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ ئىشنى قايەردىن باشلاش، نىمىنى قىلىشنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بارلىق خانىم- قىزلىرىمىز بىر- بىرىمىزنى ئۆگىنىشكە چاقىرايلى، خانىم- قىزلىرىمىز مەڭگۈ توختىماي ئۆگىنىدىغان، ئۆگەنگەندىن ھوزۇر ئالىدىغان ۋە خوشاللىق تاپالايدىغان مەدەنىيەتلىك ئاياللاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشايلى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى