قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

2018-03-11 21:39:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېرىڭىز ئەمدى سىزگە ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمىدى بىلەن سىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسىز، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدىن رازى بولۇپ ياشىسۇن. پات ئارىدا ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسىز، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭىزنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېينانىڭىز، قېيناتىڭىزنى ھۆرمەت قىلىڭ. ئۇلارنى ئۆز ئانىڭىز، ئۆز ئاتىڭىزدەك كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭىز ھېسابلاڭ، قېينانا- قېيىنئاتىڭىزنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلىڭ. يېڭى تۇغقانلىرىڭىزنىڭ مىجەز- خۇلقىنى بىلىۋالغايسىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلغايسىز، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭىزنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئېرىڭىزدىن سىرىڭىزنى يوشۇرماڭ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزگە قارشى گەپ قىلماڭ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ ئېرىڭىز ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بولۇڭ. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ.
ئۆيىڭىز رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭىزنى ئېرىڭىزگە ئامراق، ئېرىڭىزنى بالىلىرىڭىزغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىشىڭ. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.
   ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭىز بىلەن ئاراڭلارغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن سۆزلەڭ، قىزىرىشماڭ؛ چىرايىڭىزنى ۋە ئاۋازىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ، ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلماڭ. ئەڭ ياخشى ئايال ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن ئايالدۇر. بالىڭىز تۇغۇلغاندا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسراڭ، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىلىڭ، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈرۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى