قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىگىلىك تىكلەشتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى

2018-03-11 21:41:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خوجايىن بىلەن دىرېكتورنىڭ تەپەككۇرى ئوخشىمايدۇ.
خوجايىن، دىرېكتور، لىدىرلار كەسپىي باشقۇرغۇچىلاردۇر. باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندە چوڭ گەپ قىلىپ يۈرگەنلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ خوجايىن بولغاندىن كېيىن نىمە قىلارىنى بىلەلمەي خوجايىنلىق رولىنى كۆڭۈلدىكىدەك جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ.
مەغلۇبىيەت مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى.
ھەممە ئادەم مەغلۇپ بولۇشتىن قورقىدۇ. لېكىن، مەغلۇبىيەت ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس. ئوخشاش قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئالدىڭىزدا ئىككى ئىستاكان سۇ بار، بىرى قىرتاق، بىرى تاتلىق. سىز قايسى ئىستاكاندىكى سۇنى ئىچىسىز؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەر مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلالمىغاچقا، مەغلۇپ بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت بىلەن نەتىجە ئوخشىمايدۇ.
مۇۋەپپەقىيەت كۆزلىگەن نىشانغا يېتىشنى، نىشانغا يېتىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر بىر كىشىنىڭ نەزەرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئېنىقلىمىسى ئوخشىمايدۇ. نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن، جەمئىيەتتە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش كېرەك. بۇ دۇنيادا قىلىۋاتقان ئىشىدا نەتىجە قازانغان كىشىلەر كۆپ ئەمەس.
بىر خىل كەسىپ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت شۇغۇللىنىش كېرەك.
بىر كىشى ئۆمرىدە بىر كەسىپ بىلەن ئۇزاق ۋاقىت شۇغۇللانسا، بۇ كەسىپتە مەلۇم نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، كۆپ ساندىكى كىشىلەر تاشقى دۇنيانىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بىر خىل كەسىپنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالمايدۇ.
دۇرۇس ئادەم بولۇش سودا ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.
دۇرۇس، ئەخلاقلىق كىشىلەرلا سودا ساھەسىدە ئۇزاققىچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. ئەخلاقى ناچار كىشىلەرنىڭ سودا ساھەسىدە قازانغان مۇۋەپپەقىيىتى ۋاقىتلىق بولىدۇ، ئەخلاق- پەزىلەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان دۇرۇس ئادەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مېغىزىنى چاقالايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، ھازىر كۆپساندىكى سودا قىلغۇچىلار «دۇرۇس ئادەم بولۇش، ئەخلاقلىق بولۇش»نى تىلغا ئالسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلىدۇ.
ياخشى ھەمراھ ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، ئەپۇچان، ئىشلىرىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان قىز دوستىڭىز ياكى رەپىقىڭىز ئىشلىرىڭىزنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ئۇ سىزگە كۆپ تەكلىپ بېرەلمىسىمۇ، ئىشلىرىڭىزغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلەلمىسىمۇ، ھالقىلىق پەيتتە سىزگە ئەسقېتىپ ئىشلىرىڭىزنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئارىسى بىر قەدەملا يول بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر جۇغلانغانسېرى تەقدىرنىڭ تارازىسى مۇۋەپپەقىيەتكە قاراپ ئاغىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى