قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شوپۇرلارغا تەكلىپ

2018-03-14 17:33:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەكتەپتىن قايتىپ كېتىۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز يول بويىدا بىر پىكاپ توختىدى. پىكاپنىڭ ئىشىكى قىيا ئېچىلىپ، قارا رەڭلىك يالتىراق خالتا سىرتقا تاشلانغاندىن كېيىن، پىكاپ يەنە غۇيۇلداپ كېتىپ قالدى. بېرىپ قارىسام، يالتىراق خالتا ئىچىدە مېۋە شۆپۈكلىرى، ئىچىملىك بۇتۇلكىلى تەييار يېمەكلىكنىڭ خالتىلىرى بارئىكەن. يول بويىغىلا ئەخلەت تاشلاپ قويغان بۇ مەدەنىيەتسىز كىشىلەرگە بەكمۇ ئاچچىقىم كەلدى ۋە ئەخلەتنى كۆتۈرۈپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم.
ئۆيگە بېرىپ، بولغان ئىشلارنى دادامغا ئېيتىپ بەردىم. داداممۇ ناھايىتى رەنجىگەن ھالدا بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەۋېتىپ يېمەكلىك يەيدىغانلىقى، يېمەكلىك شۆپۈكى، ئىچىملىك بوتۇلكىلىرىنى دېرىزىدىن سىرتقا ئاتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى مۇھىتنى بۇلغاپلا قالماي، يەنە ئېغىر قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.  قەدىرلىك شوپۇر تاغا- ھەدىلەر، بىچارە تازىلىق ئىشچىلىرىمىز شەھىرىمىزنىڭ گۈزەل بولۇشى، بىزگە پاكىز مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىنتايىن جاپالىق ئىشلەيدۇ. ئۇلار ھەتتا يولدىكى سىلەر تاشلىۋەتكەن ئەخلەتلەرنى تېرىش ئۈچۈن قاتناش ھادىسىسىگىمۇ ئۇچراپ قالدىغان ئېچىنىشلىق ئىشلارمۇ بار. بۇنىڭدا سىلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىڭلار بار، ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئەخلەتلەرنى سىرتقا تاشلىمىساڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولساڭلار، مۇھىتنى ئاسراشتا بىز بالىلارغا ئۈلگە بولساڭلار. ئېسىڭلاردا بولسۇن، ھايات ئىنسانغا بىر قېتىم كەلگىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا يەر شارىمىز بار. ئۇنى قوغداش ۋە ئاسراش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى