قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەمىمىيلىكىڭىز ھايات يولىڭىزغا كەڭلىك ئاتا قىلىدۇ

2018-03-15 19:27:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەلۇم قۇرۇلۇش شىركىتى قۇرۇلۇش پۈتۈشكە ئاز قالغاندا، يەنە نەچچە ئون كۋادرات مېتىر گەج تاختاينىڭ كەملىگەنلىكىنى بايقاپ، ئۆلچەم ۋە رەڭلىرى ئوخشاش مەھسۇلات سېتىۋېلىش ئۈچۈن، كۆپلىگەن تەمىنلىگۈچى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچى سودىگەرلەرنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ئوخشاش ئۆلچەملىك مەھسۇلاتنى تاپالماي، ئىلاجىسىز قالغان ۋاقىتتا، مەلۇم گەج زاۋۇتىنىڭ دېرىكتورى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە  ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاز مىقداردا مۇشۇ خىل مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، بۇ زاۋۇت قۇرۇلۇش شىركىتى ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغان ھەمدە شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىغا ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، شىركەتنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ بەرگەن، باشقا كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، گەج زاۋۇتىنىڭ قىلغىنى زىيان سودىسى، چۈنكى ئۇلارنىڭ نەچچە ئون كۋادرات مېتىرلىق گەج تاختىنى ياساپ چىقىشقا نۇرغۇن تەننەرخ كېتىدۇ. بۇنى نەچچە ئون كۋادرات مېتىرلىق گەج تاختاينى ساتقاندىكى پايدىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي ئۈنۈم پەرقى ناھايىتى چوڭ. لېكىن بۇ گەج زاۋۇتى دېرىكتورىنىڭ بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بار: «گەرچە بۇ قېتىم زىيان تارتقان بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىز ئۈچۈن كۆۋرۈك ھاسىل قىلدۇق، خېرىدارلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغان ئۈنۈم». ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان ئىدى.
شۇ قېتىملىق سودىدىن كېيىن قۇرۇلۇش شىركىتى بۇ گەج زاۋۇتىغا كۆپ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئىشەنچ باغلىغان، شۇنىڭدىن تارتىپ قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىنى مۇشۇ گەج زاۋۇتى تەمىنلەيدىغان بولغان، شۇنداقلا قۇرۇلۇش شېركىتى كەسىپداشلىرىغا مۇشۇ گەج  زاۋۇتىنى تەۋسىيە قىلغان، شۇ ئارقىلىق گەج  زاۋۇتىغا تېخىمۇ كۆپ خېرىدار ۋە كىرىم ئېلىپ كەلگەن.رىقابەتكە تولغان سودا دۇنياسىدا پۇت تىرەپ تۇرۇش ئۈچۈن، چۇقۇم ئەقىل بىلەن پايدا-زىياننى مۆلچەرلەشنى ۋە بەدىئىي تاۋلاشنى بىلىش كېرەك، پايدا ئېلىشنى بىردىن-بىر ئېتىقاد قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش شۇنىڭدەك يىراقنى كۆرەر نەزەر دائىرە بولىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى