قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېپىشماقلار...

2018-03-15 19:28:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇنىڭدا بار دېڭىز- ئوكيان،
بىراق ئۇنىڭ دولقۇنى يوق.
تۇرار ئەنە تاغ ۋە داۋان،
بەكمۇ تىمتاس، شاۋقۇنى يوق.
جاۋاب: خەرىتە
 
يېشىل قويرۇق كۆك قويرۇق،
يەر ئاستىدا بار بېشى.
كىمكى ئۇنى توغرىسا،
ئاقار شۇئان كۆز يېشى.
جاۋاب: پىياز
 
ئەنە كۆكتىن چوڭ بىر گۈل،
چۈشمەكتە راۋان.
گۈل ئاستىدا بار ئىكەن،
قەيسەر قەھرىمان.
جاۋاب: پاراشوت
 
غەيرى مىجەز، قاتتىق تەن،
ئۆزى بەكمۇ يېپىشقاق.
پولات بىلەن تۆمۈرگە،
نېمىشقىكىن بەك ئامراق.
جاۋاب: ماگىنىت
 
يۇمشاق بەدەن، ئاق بەدەن،
ئېچىلىدۇ، گۈل ئەمەس.
ئۇ بولغاچقا رەڭگارەڭ،
كىيىم تىكمەك تەس ئەمەس.
جاۋاب: پاختا
 
ماتورسىزمۇ ئايلىنار،
كېچە- كۈندۈز توختىماي.
ئالمىشىدۇ تۆت پەسىل،
ئاڭا ھەمراھ قۇياش، ئاي.جاۋاب: يەر شارى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى