قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۈگۈننى قەدىرلىگەنلىك، ئەتىگە ئىگە بولغانلىق

2018-03-16 19:04:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاقىت- تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى نېمەت بولسا كېرەك. بىر ئەدىب مۇنداق دېگەن ئىكەن: «بۈگۈننى قەدىرلىگەنلىك، ھەسسىلەنگەن ئەتىگە ئىگە بولغانلىق». تۇرمۇش تەجرىبىلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلگەن كىشىگە شۇ بىر مىنۇت ۋاقىتمۇ قىممەتلىك تۇيۇلىدۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن كىشىگە ۋاقىت يېنىدىن خۇددى شامالدەكلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئادەتتە تەبىئەت ھەممە كىشىگە بىر كۈندە  ئوخشاشلا 24 سائەت ۋاقىت ئاتا قىلغان. ھەممە كىشى شۇ ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، پايدىلىنىشنى بىلسە، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئادەتتە بەزى كىشى كۆپىنچە ۋاقتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەگەر شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى كەسپىي ئۆگىنىشكە، سودا- تىجارەت يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سەرپ قىلسا ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن.
ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا مەن بىلەن قوشنا ياتاقتا ياتىدىغان بىر يۇرتلۇقىمىز بار ئىدى. ئۇنى كەچتە ياكى ئەتىگەندە سىنىپقا ماڭغىنىدا ئۇچرىتىپ قالمىساق باشقا ۋاقىتتا سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. كېيىن ئۇ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى، دوكتورلۇق ئۇنۋانىمۇ ئالدى. كېيىن ئۇقسام ئۇنىڭ ۋاقتى ئاساسەن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ماتېرىيال كۆرۈش، ئىزدىنىش، ئۆگىنىش بىلەن ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىنى چىڭ تۇتقاچقا، باشقا ساۋاقداشلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ نەتىجىلەرنىڭ ساھىبى بولالىدى. مانا بۇ مىنۇت، سائەت، كۈنلەرنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ھەسسىلەنگەن مىنۇت، سائەت، كۈنلەرگە ئېرىشكەنلىكنىڭ نەتىجىسى.ئەمەلىيەتتە ھەممە كىشىگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بار. بىر كۈننى بىكار ئۆتكۈزۈۋەتسەك ئەتىمىزنى ئۇتتۇرۇپ قويىمىز. بىر كۈننى چىڭ تۇتساق ئېنىقلا ھەسسىلەنگەن ئەتىگە ئېرىشىمىز. ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت ياخشى ئادەت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغاندا، ئەتىمىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق بولۇشى تۇرغانلا گەپ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى