قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىڭىزنى قانداق ماختايسىز؟

2018-03-16 19:28:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىرىنچى. ماختىشىڭىز كونكرېت بولسۇن. بالىلارنىڭ ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغىنى ئاتا- ئانىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ۋە ماختىشىغا سازاۋەر بولۇشتۇر. ئەمما نۇرغۇنلىغان ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. بۇنداق بولۇشى بەلكىم ئاتا- ئانىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا كۆپىنچە «ياخشى قىپسەن!»، «سەن ئەڭ قالتىس!» دېگەندەك ماختاش سۆزلىرىنى ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق ماختاشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بالىلارغا نىسبەتەن ئەھمىيىتى چوڭ بولمايدۇ. بالىڭىزنى ماختىغاندا كونكرېت قىلىپ قايسى ئىشنى ياخشى قىلغانلىقىنى دەڭ، بۇنداق قىلغاندا بالىڭىز قانداق ئىشلارنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالىدۇ ھەمدە داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇندىلا ماختاشنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈمى بولىدۇ.
 ماختاشقا بېخىللىق قىلماڭ. بەزى ئاتا- ئانىلار يېشى كىچىكرەك بالىلارغا چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان بولغاچقا، ماختىغۇدەك ئىشى يوق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە يېشى كىچىك بالىلارنىڭ «ئاددىي» ئىشلارنى قىلالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، لېكىن ئەلا نەتىجە ۋە جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ «ئاددىي» ئىشلاردىن روياپقا چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىغا ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىشتە ئاتا- ئانا بولغۇچى مەردلىك بىلەن ماختاش كېرەك، يېشى قانچە كىچىك بولسا، شۇنچە كۆپ ماختاش، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ماختاش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.    ماختاشنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئايلاندۇرۇڭ. بالىلار قورقۇنچاق كېلىدۇ، بەزى ئىشلارغا نىسبەتەن قورقىدىغان روھىي ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا ئاتا- ئانىلار بالىلارغا كۆپرەك ئىلھام بولىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلىشى كېرەك. يازغۇچى سۇڭ دەندەننىڭ «بەخت ئىچىدە» ناملىق كىتابىدا تۆۋەندىكىدەك ئىبارىلەر بار: بىر قېتىم ئوغلۇم ئاغرىپ قالدى، مەن بالا باققۇچىغا ئوغلۇمنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقىمنى، باشقا بالىلارنىڭ دورا ئىچكەندە يىغلايدىغانلىقىنى، لېكىن مېنىڭ ئوغلۇمنىڭ پەقەت يىغلىمايدىغانلىقىنى، بۇ تەرىپىنىڭ باشقا بالىلار بىلەن ھەقىقەتەن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلۇمنى ماختىدىم، ئاندىن دورىنى ئوغلۇمغا بەردىم، ئوغلۇم قىزىرىپ كەتكەن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، كۆزىنى يۇمغان پېتى دورىنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتتى. بىز ھەممىمىز توختىماي ماختىدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ئوغلۇم ھەر قانچە ئاچچىق دورا بولسىمۇ قورقماي ئىچىدىغان بولدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى