قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاينىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار؟

2018-03-26 19:37:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئاينىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن قانداق تەسىرى بار؟
 ئالىملار ئاي يورۇقىنىڭ يەر شارىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم رولى بارلىقىنى بايقىغان. ئۇزۇن مۇددەت ئاي يورۇقى چۈشمىگەن ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەرەخلەرنىڭ ياغاچ ماددىسى شالاڭشىپ كېتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دەرەخ غولى ئىنچىكە، ئاجىز بولۇپ ئاسان سۇنۇپ كېتىدىكەن. ھالبۇكى، زەخمىلەنگەن ياغاچ تالالىرىغا كۈن نۇرى چۈشسە، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ تاتۇق شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن. ئەمما ئاي يورۇقى چۈشسە، ئۇلارنىڭ جاراھىتىنىڭ ساقىيىشىغا پايدىسى بولىدىكەن.
 ئاي بىلەن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
  ئالىملار تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاينىڭ تولۇش ۋە كەمتۈك بولۇپ ئۆزگىرىشىنىڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان. روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ستاتىستىكىسىدىن مەلۈم بولۇشىچە، ئاي تولغان كېچىسى روھىي كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن يۇقىرىراق بولىدىكەن. نۇرغۇن سانلىق مەلۈماتلار، ئاي تولغان چاغدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەيدىغانلىقى، ھاراقكەشلىك، زەھەر چېكىش ۋە مۇشتلىشىش دېلولىرىنىڭ ئادەتتىكى چاغلاردىكىدىن كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
 ئايدا تۇرۇپ قارىغاندا يەر شارى قانداق كۆرۈنىدۇ؟
 ئايدا تۇرۇپ يەر شارىغا قارىغاندا، يەر شارىمۇ خۇددى ئايغا ئوخشاشلا نۇر چېچىپ تۇرغان كۈمۈش رەڭ شار بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. ئەمما، ئۇ بىز كۆرۈپ تۇرىدىغان ئايدىن تۆت ھەسسە ئەتراپىدا چوڭ بولىدىكەن. يەر شارىنىڭ كۆپ قىسمى سۇ بولۇپ، قارىماققا تۇتۇق كۆك رەڭدە، ئىككى قۇتۇپ رايونى بولسا ئاق رەڭلىك داغدەك كۆرۈنىدىكەن. قۇرۇقلۇق قىسمىنى ھەمىشە ئاق رەڭلىك بۇلۇتلار توسۇۋالغان بولىدىكەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى