قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارچىلار

2018-03-26 19:40:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋېلىسپىت رېمونتخانىسدىكى بىر ياش شاگىرت دائىم ۋېلىسپتنى رېمونت قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ۋېلىسپتنىڭ ماركىسىنى سۈرتۈپ پارقىرىتىپ قويىدىكەن. باشقا شاگىرتلار ئۇنىڭ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشنى قىلغانلىقىنى مازاق قىلىشىدىكەن. كېيىن بۇ ياش ئۆزىنىڭ بىر خېرىدارى تەرىپىدىن ياخشى خىزمەتكە ياللىنىپتۇ. دېمەك، ئەگەر سىز ئازراقلا تىرىشىۋەتسىڭىز، پۇرسەتنىڭ ئۆزلىگىدىن كېلىشى تەس ئەمەس.
بىر بالا ئاپىسىغا: «بۈگۈن بەك چىرايلىق بولۇپ قاپسىز ئاپا، بۇنىڭ سەۋەبى سىز پۈتۈن بىر كۈن ئاچچىقلانمىدىڭىز»دەپتۇ. توغرا، ئاچچىقلانمىسىڭىزلا باشقىلارغا چوقۇم چىرايلىق كۆرۈنىسىز.
بىر دانىشمەن ئۆزىگە شاگىرتلىققا كەلگەن بالىلارغا بىردىن قەندەلنى بېرىپ، ئۇنى پاكىز تازىلاشنى ئېيتىپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، قايتىپ كېلىپ قارىسا پەقەت «دۆت بالا» دەپ قارىلىدىغان بىر بالىلا ئۆزىنىڭ قەندىلىنى ھەر كۈنى پاكىز تازىلاپ تۇرۇپتۇ. قالغان قەندىللەرنى توپا بېسىپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا دانىشمەننىڭ شاگىرتى بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ئاز- ئازدىن تىرىشسىلا ئارزۇ- ئارمانغا يېتىش ئۈنچە تەس ئەمەس.  دېمەك، يۇقىرقى پارچىلاردا دېيىلگەندەك ئەگەر سىز ھەممىلا ئىشتا زىغىرلاپ، بىر ئىشلارنى ھەددىدىن زىيادە ئۆزىڭىزگە ئېلىپ يۈرمىسىڭىزلا ھاياتتا خۇشال- خۇرام بولماق ئاسان. ئىشلارنى ئاددىي يوسۇندا قىلىش ئىشلارنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ ۋە سىزنى ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرۈشى مۇمكىن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى