قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 «يېرىم چىلەك سۇ شالاقشىيدۇ»

2018-03-29 17:09:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىزدە «يېرىم چىلەك سۇ شالاقشىيدۇ» دەيدىغان سۆز بار، كۆپىنچە كۆپنى كۆرگەن بىلىملىك ۋە ئىقتىدارلىق كشىلەرنىڭ بەك گەپتان بولۇپ كېتىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇلار گەپ قىلىشقا قارىغاندا ئاڭلاشقا، كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى قۇپ قۇرۇق بولمايدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھىكايەت بار:

كوزىچىنىڭ بالىسى كۈندە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالدىنقى كۈنلىرى ياسىغان كوزىلارنىڭ ئۈستىدىكى توپا- چاڭنى سۈرتىدىكەن. يېقىندىن بېرى شامال تولا چىقىپ بالا ئەتىگەندە كۆزىنى ئاچسىلا كوزىلارنىڭ يەردە ياتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سۇنغانلىقىنى كۆرىدىكەن. ئۇ بىرەر ھەپتىگىچە كوزىلارنى ئۆرە قىلىپ، توپىلىرىنى سۈرتۈپتۇ ھەمدە جۇغى كىچىك بولغاچقىمۇ ناھايىتى چارچاش ھېس قىلىپ، ئىچىدە تولا غۇدۇرايدىغان بولۇۋاپتۇ.

ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتۈپتۇ، ئەھۋال داۋاملىشىپتۇ. شامالمۇ توختىماپتۇ. بالىنىڭ ئاغرىنىشلىرى كۈچىيىپتۇ. بىر كۈنى كوزىچى بوۋاي بالىسىنى چاقىرىپ دەپتۇ،- بالام، بۇ كوزىلارنى شامالدا ئۆرۈلمەيدىغانغا ئامال قىلايلى!

-قانداق ئامال قىلىمىز؟

-ئىچىگە لىق سۇ توشقۇزىۋەت، ئاندىن ئۈستىنى يېپىپ قوي! بىلگىنكى، ئۇنىڭ شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىشى ھەتتا سۇنۇپ كېتىشى ئىچى قۇرۇق بولغانلىقىدىن بولغان. كوزا ئۆرۈلمەيمەن دەيدىكەن، ئىچىدە چۇقۇم سۇ بولۇشى، ئۇنىڭ ۋەزنى، ئېغىرلىقى بولۇشى كېرەك...

شۇنداق، بىز شامالنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. ئەمما، بىز ئۆزىمىزنى،«ئېغىرلىق»ىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز، مەنىۋى كامالىتىمىزنى، قىممەت - ۋەزنىمىزنى تامامەن ئاشۇرالايمىز. ئۆز «ئېغىرلىق»ىنى ئاشۇرۇش ــ مەۋجۇتلۇقنى ساقلاشنىڭ بىردىنبىر چارىسى.

بىزدە «قۇرۇق ھارۋا تاراقشىيدۇ» دەيدىغان سۆز بار، دېمەك، يېرىملىق ۋە قۇرۇقلۇق بىزنى يېنىك، ۋەزنى يوق ئادەملەردىن قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېگىلەشكە، ئەتراپلىق يېتىلىشكە دىققەت قىلىشىمىز قۇرۇق ئادەم بولۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى