قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى»

2018-04-02 11:37:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

4- ئاينىڭ 5- كۈنى چوكانتال بايرىمى. چوكانتال بايرىمى يەنە «قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ بايرام، ئەتىيازنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە كەچ ئەتىياز ئارىلىقىدا ئۆتكۈزىلىدىغان جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى. بۇ بايرامنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزمۇنى ئۈلۈپ كەتكەنلەرنى خاتىرىلەيدىغان بايرام. بۇ كۈندە ئەجداتلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ۋە قەبرە سۈپۈرۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۇڭگودىكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى چوكانتال بايرىمى تەخمىنەن جۇ سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغان بولۇپ، بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 2 مىڭ 500 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ بايرامدا ئەجداتلارنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈرۈش، باھارنى كۈتۈۋېلىپ، كۆكلەم سەيلىسى قىلىش ئاساسىي تېما قىلىنغان. «قەبرە سۈپۈرۈش بايرىمى» نىڭ نامى-- دۆلىتىمىزنىڭ دېھقانلار كالىندارىدىكى 24 مەۋسۈم بويىچە «چوكانتال» مەۋسۈمىگە ئاساسەن قويۇلغان. بۇ مەۋسۈم، يەنى چوكانتال مەزگىلى، قىش كېتىپ، باھار كېلىدىغان، سۈپسۈزۈك ھاۋا، بىپايان كۆك ئاسمان كىشىگە شاتلىق ئاتا قىلىپ، كائىناتنىڭ ھەممىلا يېرى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولىدىغان مەزگىل.

تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر دۇ مۇ «چوكانتال» ناملىق شېئىرىدا:

سىم- سىم يامغۇرلۇق چوكانتال پەسلى،

يۈرەر ئادەملەر روھسىز ھالەتتە.

سورىدىم، مەي- شاراب قەيەردىن ھاسىل؟

پادىچى بالا دەر شىڭخۇا كەنتىدە.

دېگەن مىسرالار ئارقىلىق چوكانتال بايرىمىدىكى ئالاھىدە كەيپىياتنى ئەكس ئەتتۈرگەن. تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە چوكانتال بايرىمىدا ئەجداتلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش، تۈگەپ كەتكەن ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى خاتىرىلەش قاتارلىق ئۆرپ- ئادەتلەر ئىلگىرىكىدەك ساقلىنىپ كەلمەكتە. ھەر قايسى جايلارنىڭ چوكانتال بايرىمىدا ئەجداتلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاش ئۆرپ-ئادەتلىرىدە مەلۇم پەرقلەر بار. بۈگۈنكى بۇ پىروگراممىمىزدا بىز بىرلىكتە ھەر قايسى جايلارنىڭ چوكانتال بايرىمىدىكى ئۆرپ- ئادەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

ئاۋۋال، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:

شەندۇڭ ئۆلكىسىدە، چوكانتال بايرىمىدا قەبرە سۈپۈگەندە قەبرە بېشىغا يېڭى توپا چاچىدىغان ئادەت بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەجداتلىرىنىڭ ئۆيىنى رېمونت قىلىپ بېرىپ، يازدا يامغۇر ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن. ۋېيخەي، شىشىيا، خۇاڭشەن قاتارلىق جايلاردا جەمەت بويىچە قەبرە بېشىدا تەزىيە بىلدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىرلىكتە ھورنان ۋە قورۇما يەيدىغان ئادەت بولۇپ، بۇ «بىر ئۆيدە غىزالىنىش» ياكى «جەمەت تامىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. شەندۇڭنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا بولسا جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىن قەپ قالغان «تۇخۇم سوقۇشتۇرۇش» ئادىتى ساقلانغان. چوكانتال بايرىمى كۈنى بىڭشەندىكى كىچىك بالىلار يېڭى پىشۇرۇلغان ئىسسىق تۇخۇمنى ئۆز ئارا سوقۇشتۇرۇپ ئوينايدىغان بولۇپ، كىمنىڭ تۇخۇمى باشتا چېقىلىپ كەتسە شۇ ئۇتتۇرغان بولىدۇ. جىشەن، بوشەن قاتارلىق جايلاردا بىر قازان تېرىقنى دۈملەپ پىشۇرۇپ، كالىغا بېرىپ، كالىنى بىر ۋاق تويدۇرۇپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. بۇ «كالا تامىقى» دەپ ئاتىلىدۇ.

جياڭسۇنىڭ تەيجۇ رايونىدىكى دېھقانلار چوكانتال بايرىمىدا قۇلۋاق ھەيدەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ «تىرەك كىمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جېنجىياڭلىقلاردا بولسا يەتتە تال چوكانتال يوپۇرمىقىنى دەملەپ ئىچىش ئادىتى بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەتتە تال چوكانتال يوپۇرمىقىنى دەملەپ ئىچسە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدىكەن.

خەينەنلىكلەردە چوكانتال بايرىمىدا ئەجداتلىرىنى خاتېرىلىگەندە، جەمەتىنىڭ قائىدە- يوسۇنلىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىدىغان ئادەت بار. خەينەندىكى خەنزۇ ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى باشقا جايلاردىن كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار بولۇپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ئىلگىرى بۇ جايغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان خەنزۇلار 20 مىڭدىن ئاشقان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا 100 مىڭغا؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كۆپىيىپ 2 مىليونغا يەتكەن. خەينەن قىسقارتىلىپ «چىيۇڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كېيىنچە خەينەنگە كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ فامىلىسى بارا- بارا 100 دىن ئاشقان. خەينەنگە تۇنجى بولۇپ كەلگەنلەر ئەجدادلىرىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن، كېيىنچە ھەر قايسى جايلاردا بەس- بەستە «ئەجدات ئىبادەتخانىسى» سالغان. نۇرغۇن كىشىلەر چوكانتال بايرىمىدا بۇ يەردە ئەجداتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەجداتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە سەككىز چالغۇ تەڭكەش قىلىنىدىغان بولۇپ، ناخشا، تەزىيەنامە ئوقۇلۇپ، خەينەنگە تۇنجى بولۇپ كۆچۈپ كەلگەن ئەجداتلىرىنىڭ تۆھپىسىنى مەدھىيەلەيدۇ.

ھەر قايسى فامىلىلەر ئەجداتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە، تەزىيانامە ئوقۇلۇپ، جەمەتنىڭ ئەنئەنىسى، قايدە- يوسۇنلىرى تىلغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، ھەر بىرى قالتىس ماھارەت بىلەن يېزىلغان قوشاققا ئوخشايدۇ. مەسىلەن، خەينەندىكى فۇ جەمەتەنىڭ «ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى» بار. بۇنىڭدا «ۋەتەننى سۆيۈش، ئاتا- ئانىغا ۋاپادار بولۇش، دوست- بۇرادەرلىرىگە سادىق بولۇش، ئەر- ئايال ئىناق ئۆتۈش، ئۆز جەمەتىگە سادىق بولۇش، ئىناقلىقنى تەكىتلەش، يۇرتداشلار ۋە قوشنا- قۇلۇملار ئارا ئىناق ئۆتۈش، دوست تۇتۇشتا ئېھتىيات قىلىش...» دېگەندەك مەزمۇنلار بار بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەزمۇنلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ جەمەت قوشاقلىرىنىڭ تەربىيەۋى ئەھمىيىتىنىڭ يەنىلا ناھايىتى چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەمدى بىز بىرلىكتە تەيۋەننىڭ چوكانتال بايرىمىدىكى ئۆرپ- ئادەتلىرىگە قاراپ باقايلى. تەيۋەننىڭ ئالاھىدە بىر ئۆرپ- ئادىتى بار، ئۇ بولسىمۇ ئەگەر بۇ بىر يىل ئىچىدە ئائىلىسىدە بىرەر خۇشاللىق بولسا، قەبرە سۈپۈرگەن كۈنى قەبرىنى بىراقلا قايتا رېمونت قىلىدۇ ھەمدە بىر كىچىك قىزىل كىرسىن لامپا تەييارلاپ، قەبرە ئۈستىگە يېقىپ قويىدۇ. قايتىدىغان ۋاقتىدا بۇ كىرسىن لامپىنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىدۇ. بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسەت بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ۋە ئامەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.

خەنزۇ مىللىتىنىڭ تەسىرىدە جۇڭگودىكى مانجۇ، خېجې، جۇاڭزۇ، دۇڭزۇ، تۇجىيازۇ، مىياۋزۇ، ياۋزۇ، لىزۇ، شۇيزۇ، جىڭزۇ، چياڭزۇ قاتارلىق 24 ئاز سانلىق مىللەتتىمۇ چوكانتال بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى شەكىللەنگەن. گەرچە، ھەر قايسى جايلارنىڭ چوكانتال بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئادىتى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسىدە قەبرىنى سۈپۈرۈپ، ئەجداتلىرىنى خاتىرىلەش، كۆكلەم سەيلىسى قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق بىر ئاساسىي تېما بار.

چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلى، قەبرە سۈپۈرۈپ، ئەجداتلارنى خاتىرىلەشتىن باشقا، كىشىلەرنىڭ سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىشىدىكى يەنە بىر يۇقىرى پەللە دىيىشكە بولىدۇ. يېقىندا ساياھەت تور بەتلىرى «2018- يىللىق چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ تىزىملىكى» نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش ۋاختىنىڭ قىسقا بولىشى، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ساياھەتچى سانىغا چەك قويۇشى سەۋەبلىك، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايلارغا يېقىن مەنزىرە نۇقتىلىرى بىلەن سەيلە- ساياھەت باغچىلىرىنى بۇ يىلقى چوكانتال بايرىمىدا ئالدىن ساياھەت قىلىدىغان جاي قىلىپ تاللىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرنىمۇ ساياھەتچىلەر ئالدىن ساياھەت قىلىدىغان جاي قىلىپ تاللىغان. مەسىلەن: شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى، لوڭفېڭ قورۇقى، گۇسۈن باغچىسى، پېلوخېلىس بېلىقى ئارىلى، شاڭخەي شادلىق جىلغىسى، بېيجىڭ شادلىق جىلغىسى، جۇڭخۇا دىنۇزاۋۇر باغچىسى، شېنجېن شادلىق جىلغىسى، تاۋيۈەن پەرىشتە جىلغىسى قاتارلىقلار كىشىلەر تاللىغان ئالدىنقى 10- ئورۇندا تۇرىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭ، تىيەنجىن ۋە خېبېيدىكى تىيەنيۈنشەن مەنزىرە رايونى، گۇبېي سۇ يۇرتى، بادالىڭ سەددىچىن سېپىلى، جىجۇ پەنشەن، خۇخۇشۇي ئېكولوگىيىلىك مەنزىرە رايونى، چۇڭچىڭدىكى ۋۇلۇڭ كۆۋرۈكى، سىچىكوۋ قەدىمىي بازىرى، يۈننەندىكى يۈلوڭ قارلىق دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق مەنزىرە رايونى، قار- مۇز باغچىسى، خەينەندىكى ۋۇجىجۇ ئارىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شۇ جايلاردىكى ئالدىن تاللاشقا بولىدىغان قىززىق ساياھەت نۇقتىلىرى.

چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، بىز يەنە خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ باي- قۇدرەت تىپىشى، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش يولىدا ھاياتىنى قۇربان قىلغان ئىنقىلاۋىي قۇربانلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، بۈگۈنكى ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەشنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى