قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مياۋزۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى

2018-04-08 12:45:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مياۋزۇلار ئېلىمىزدىكى قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارالغان. ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ گۈيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، سىچۈەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان.

مياۋزۇلارنىڭ ئۆرپ ئادىتى:

يىمەك- ئىچمەك ئادىتىنى ئېلىپ ئېيتساق، مياۋزۇلارنىڭ ھۈمەل چاي ئىچىدىغان ئادىتى بار.

ھۈمەل چاي قوناق ئېتىلدۇرمىسىنى سۇدا قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان بىر خىل ئىچىملىك. مېھمانلار بۇ چاينى ئىچسە ساھىپخان بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ. بەزىلەر ئۈچ قاچا چاي ئىچىدۇ. يەنى بىرىنچىسى ھۈمەل چاي، ئىككىنچىسى ئاچچىق چاي، ئۈچىنچىسى تاتلىق چاي.

مياۋزۇلاردا يەنە مېھمانلارنى لايىگەك بىلەن كۈتىدىغان ئادەت بار. تەييار قىلىۋالغان لايىگەككە ئاز مىقداردا گۈرۈچ ئۇنى قوشۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ساپال قاچىدا تۇزلاپ، پىشقاندىن كېيىن تىتىققۇلار بىلەن بىللە ئىستىمال قىلىدۇ.

مياۋزۇلارنىڭ كىيىم- كېچەكلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، كىيىم- كىچەكلىرىدە رايون پەرقى بولىدۇ. مياۋزۇلارنىڭ ئەرلىرى ئادەتتە ياشانغانلار ياقىسىز پەشلىك چاپان، پۇشقىقى تار ئىشتان كىيىدۇ، بىلىگە پوتا باغلايدۇ، رەخت بىلەن پاچىقىنى ئورايدۇ. ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار ئالدى ئوچۇق قىسقا چاپان كىيىدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ رەختىنى ئۆزلىرى توقۇيدۇ.

مياۋزۇلارنىڭ ئاياللىرى ئۈستىگە ياقىسىز گۈللۈك چاپان، ئاستىغا گۈل كەشتىلەنگەن كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيىدۇ. بېشىغا كۆك ۋە يېشىل رەختلەردىن تەييارلانغان ئورام ياغلىق چىگىدۇ.

گۇيجۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مياۋزۇلار ئادەتتە ئاسما ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ. ئاسما ئۆيلەر ئادەتتە ئىككى، ئۈچ ئېغىز بولۇپ، كارىدورى ۋە ئاق رەڭلىك رىشاتكىسى بار. ئاسما ئۆيلەرنىڭ ئاستى ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ، بۇ يەرگە يەنە دېھقانچىلىق سايمانلىرىمۇ قويىلىدۇ. بۇ يەر يەنە كالا، قوي قوتۇنىمۇ قىلىنىدۇ. ھەتتا ھاجەتخانا قىلىدىغانلارمۇ بار. ئاسما ئۆيلەرنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتى ئادەتتە تۇرالغۇ قىلىنىدۇ. ئاسما ئۆيلەردىكى ئوچاقلار چاسا شەكلىدە بولۇپ، ئىگىزلىكى 60، 70 سانتېمىتىر كىلىدۇ، ئۈستى تاختا بىلەن يىپىق تۇرىدۇ. تۆت ئەتراپى خىش ياكى تاش بىلەن قوپۇرىلىدۇ. ھاۋا سوۋۇغاندا، ساھىپخان بىلەن مېھمان ئوچاق بېشىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئوچاققا يەنە ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياغاچ رامكا ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا خىلمۇ- خىل ئۇرۇق ۋە چاي قاتارلىق قۇرۇق ساقلىنىدىغان نەرسىلەر قويۇلىدۇ.

مياۋزۇلار ھەققىدە توختالغاندا مياۋۇ كۈمۈشىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.

كۈمۈش مياۋزۇلارنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بېزىكى ۋە تويلۇق بۇيۇمى. ئەمما، بۇ كۈمۈشلەر ساپ كۈمۈش ئەمەس. مىس ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۈمۈش مىقدارى تۆۋەن.

كۈمۈش بىزەكلەرنى مىياۋۇلار ئۆزلىرى قولدا ياسايدۇ. نەقىشلىرى نەپىس، شەكلى خىلمۇ- خىل بولىدۇ. مىياۋزۇلار كۈمۈش بىزەكلىرىنى تاقىغاندىن كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە تاقىماي قويۇپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىزەكلەر قارىداپ قالىدۇ. ئەمما، ھېچقىسى يوق. قايتا تاقىغاندا يۇمشاق قەغەز ياكى قەغەز بىلەن بىر قۇر سۈرتىۋەتسىلا قايتىدىن پارقىراق ھالىتىگە قايتىدۇ.

مياۋزۇلارنىڭ كۈمۈشتىن ياسالغان بۇيۇملىرىنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، بىلەيزۈك، باشقا تاقايدىغان زىننەت بويۇملىرى، ئاشخانا سايمانلىرى قاتارلىقلار بار. خۇنەننىڭ غەربى ۋە گۇيجۇ قاتارلىق مياۋزۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىن بۇ نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى