قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللاردىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنىڭ نىكاھقا بولغان تەسىرى

2018-04-12 19:26:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تۇرمۇشتا ئۆزى شۇنداق چىرايلىق، ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك بەزى ئاياللارنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولمايۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىپ قالىمىز. بۇنداق ئەھۋاللارغا قارىتا بەزى كىشىلەر، بۇ ئايال قارىماققا قالتىستەك كۆرۈنگىنى بىلەن جۆرىسىنى بىزار قىلىدىغان بىرەر كەمچىلىكى بولىشى مۇمكىن، دەپ تەھلىل يۈرگۈزىدۇ. ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ نىكاھقا ساداقەتسىزلىك قىلىشىنى، ئۇنىڭ جۆرىسىدىكى كەمچىلىككە باغلاش ئانچە توغرا ئەمەس. بىراق بەزى ئادەملەرنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە تۇرمۇش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى سەۋەبىدىن ئائىلىدىكى زىدىيەتلەرنى توغرا ئۇسۇلدا ھەل قىلالمايدۇ. رىئال تۇرمۇشقا قارايدىغان بولساق، ئەر- ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاياللاردىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسىنىڭ ئەر- ئاياللارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا ئاياللاردىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى دېگەن نىمە؟
بۇ يەردىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ بەزى ئاياللاردىكى ئۆزىگە بولغان زوقلىنىشنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە بۇنى نىكاھقا، ئېرىگە بولغان پوزىتسىيەگە سۆرەپ كىرىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى چىرايلىق، قابىىيەتلىك، ياكى ئائىلە شارائىتى ئالاھىدە ياخشى ۋە ياكى كەسپتە ئۇتۇق قازانغان قىز- ئاياللار چىراي، ئەقىل ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى تۈپەيلى ئۆزىدە ئەۋزەللىك تۇيغۇسىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىر خىل پاسسىپ مەغرۇرلۇق يېتىلدۈرگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار دائىم ئۆزىنى باشقا ئاياللارغا قارىغاندا ئەتىۋارلىنىشقا مۇناسسىپ دەپ قارايدۇ، شۇنداقلا ئەتراپتىكى شارائىتقىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ئۆزىنى ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل ۋە كۈچلۈك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. گەرچە بۇ مىجەز ئۇلاردا توختاۋسىز ئالغا بېسىش روھىنى يېتىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق نىكاھ تۇرمۇشىغا بەزى پاسسىپ تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك قىزلار ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئادەتلىنىپ قالغان بولغاچقا، لايىق تاللىغاندا كۆپىنچە ئۆزىنىڭ پىكرىگە قارشى چىقمايدىغان، ئۆزىنىڭ دېگىنىگە يول قويىدىغان، سىلىق- سىپايە، رايىش يىگىتلەرنى تاللايدۇ. ئەمىلىيەتتە، بۇنداق يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى تېشىدىن سىلىق- سىپايە، رايىش كۆرۈنگەن بىلەن، ئىچكى خارەكتىر جەھەتتە قارشىلىقنى ئۇدۇل ئىپادىلىمەي قورساققا سالىدىغان، ئۆزىنىڭ مۇستەققىل پىكىرى كەمچىل، باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچىرايدىغان، خارەكتىرى ئۆزگىرىشچان بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى كۆڭلىدىكى قىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ساختا قىياپەتكە كىرىۋالغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەتىۋارلىنىش، بويسۇندۇرۇشقا ئادەتلەنگەن قىزلار دەل بۇ خىل يىگىتلەردىكى خارەكتىرگە ئالدىنىپ قالىدۇ ۋە بۇنى ئۆزىنى سۆيگەنلىك، قەدىرلىگەنلىك دەپ چۈشىنىۋالىدۇ.  قىزلاردىكى بۇ خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى، ئۆز پىرىنسىپى بويىچە ياشايدىغان، ئۇدۇل پىكىرلىك، مۇستەھكەم مەۋقەگە ئىگە يىگىتلەرنى بايقاشقا توسالغۇ بولىدۇ.
ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان قىز- ئاياللار نۇرغۇن جەھەتلەردە مۇكەممەللىك قوغلىشىدۇ. خىزمەت، ئۆي تۇتۇش ياكى ياسىنىش قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنىڭ كويىدا بولىدۇ، ئەرگىمۇ شۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئېرىنىڭ خىزمەت، يۈرۈش- تۇرۇش، پۇل تېپىش ئىشلىرىدا باشقىلاردىن كۈچلۈك، مۇكەممەل بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ مىجەزىدىكى ئۆزى كەمچىلىك دەپ قارىغان يەرلەرنى تەنقىدلەشكە باشلايدۇ. لېكىن ئەيىپلەش، تەنقىد كۆپ بولۇپ كەتسە ھەرقانداق كىشىدە بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆز ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى ياقتۇرمايدۇ. ئارتۇق تەنقىد ئۇلاردا ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويىدۇ. لېكىن بۇنى ئايالىغا دېمەي، ئىچىدە بۇرۇختۇم بولۇپ كېتىدۇ، ئەرلەردىكى بۇ خىل نارازىلىق ئۇزۇن داۋاملاشسا، بۇ بۇرۇختۇملۇقنى دائىم ئەل- ئاغىنىلىرى بىلەن كەيپ- ساپا قىلىش ئارقىلىق، ھەتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئارلىشىش ئارقىلىق چىقىرىدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاياللارنىڭ ئەرنى بۇرنىدىن يېتىلەش ئادىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئائىلىدىكى ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ ئادەتلەنگەن بولغاچقا، ئەر ئائىلىدە بارلىق ئىشلارنى ئايالىغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى ئەركە بالىغا ئايلىنىۋالىدۇ، نەتىجىدە، ھەممە ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋېلىپ كۆنگەن ئايال ئاخىرى ئائىلە يۈكىنىڭ  ئېغىرلىقلىرىدىن ھېرىپ ئېرىدىن مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىپ زارلايدۇ. بۇ خىل ھالەتلەر داۋاملاشقانسېرى ئەر- ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئاياللار ئېرىنىڭ كۆيۈنىشىدىن بەك مىننەتدار بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار دائىم «مەندەك بىر ئايالغا قانچە قىلسا ئەرزىيدۇ» دەپ قاراپ، بىلىپ- بىلمەي ئېرىگە چوڭچىلىق قىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېرىدىن كۈتىدىغانلىرى چەكسىز بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزارغانسېرى، ئەرلەدە ھارغىنلىق، بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئايالنىڭ شارائىتى قانچە ياخشى بولغانسېرى،  ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدە بۇ خىل تۇيغۇ شۇنچە روشەن بولىدۇ-دە، ئاخىرىدا ئائىلىنىڭ نورماللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان ئاياللاردا يەنە ئۆزىنى قالتىس ھېساپلاش كۈچلۈك بولغاچقا، ھەر ۋاقىت ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ «مەن ھەر جەھەتتىن قالتىس بولغاچقا، مەندىن باشقا ھەرقانداق ئايال ئېرىمنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ» دېگەن ئىشەنچ بىلەن ھېسىيات جەھەتتە بىخوتلۇق قىلىپ، ئېرىدىكى نازۇك ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلمايدۇ، نەتىجىدە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى پەيتىنى ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ خىل ئاياللارنىڭ ئىچى كۈچلۈك، ئىناۋىتىگە دىققەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئېرىدە ئازراقلا مەسىلە كۆرۈلۈپ قالسىلا، قۇبۇل قىلالماي، ئېرىنى كەچۈرەلمەيدۇ- دە، مەسىلىنى ئۇستىلىق بىلەن ھەل قىلالماي قالىدۇ.
دېمەك، مەيلى بىز قانچىلىك چىرايلىق ۋە قابىل ئايال بولايلى، قەلبىمىزدىكى ھاكاۋۇرلۇقنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېرىگە تېگىشلىك ئىززەت، ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان، نارازىلىقىرىنى مۇلايىم ئىپادىلەشكە ماھىر بولغان ساپالىق ئاياللاردىن بولىشىمىز لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى