قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى ئاياللار بەلگىلەيدۇ

2018-04-12 19:11:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەممە كىشى ئەرلەرنى ئۆينىڭ تۈۋرۈكى دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئاياللار شۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي «تۈۋرۈكى» دۇر. بىر ئائىلىدە ئۇششاق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇ باش قاتۇرىدۇ، ئۆيدىكىلەرنىڭ خۇشاللىق-خاپىلىقىغا ئۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ سىرتتا خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، ئۆيگە كەلگەندە ئۆينى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. بەخت بىر ئاچقۇچقا ئوخشىسا، بۇ ئاچقۇچ دەل ئاياللارنىڭ قولىدا.
ئاياللار ئەرلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. غەلىبە قىلغان بىر ئەرنىڭ كەينىدە چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى قوللايدىغان ئايال بولىدۇ. ئەرلەر سىرتتا كەسپ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقىنىدا، ئاياللار ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم يۆلەنچۈكى بولىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ كەسپى بولسا، ئۇنداقتا ئۇ شۇ ئەرنىڭ تېخىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئايال كىشى بەك تولا ئاغرىنىدىغان، ھەممە ئىشتىن قاقشايدىغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن ئائىلىدە تىنچلىق بولمايدۇ. ياخشى ئايال ھەر كۈنى ئۆزىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىپلا قالماستىن، پۈتۈن ئائىلىنىڭ ساپاسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تېرىشىدۇ؛ ئايالىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭرى بولسا، يولدىشىنىڭ كەسپىمۇ  ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ.
ئايال، بىر ئائىلىنىڭ سىلىقلاش مېيىغا ئوخشايدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاش تۈز ۋە قاتتىق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بىر تۈركۈم تۇرمۇش پرىنسىپلىرى بار. ئەرگە بويسۇنىدىغان ۋاقىتلاردا بويسۇنىدۇ، ئەركىلەيدىغان ۋاقىتتا ئەركىلەيدۇ. تۇرمۇش زىددىيەتتىن ساقلىنالمايدۇ، ئەقىللىق ئاياللار ئۆيدىكى زىددىيەتنى توغرا خاتاسى بويىچە ئەمەس بەلكى ئاياللارنىڭ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ، شۇ ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. قېينئانا- كېلىن مۇناسىۋىتىگە كەلگەندە، ئەقىللىق ئاياللار ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ، يولدىشىنى قىينىمايدۇ.
بالىنىڭ كەلگۈسىنى ئانا بەلگىلەيدۇ. چۈنكى ئانىنىڭ بالىغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە تەسىرىنىڭ ئورنىنى ھېچ كىشى باسالمايدۇ. بالىغا تۇنجى بولۇپ ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان ئادەم ئانا، ئانىنىڭ ئادىتى شۇ بالىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇش ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئانا قانداق بولسا ئۆزىگە ئوخشاش بالا تەربىيىلەپ چىقىدۇ. بالىڭىزنى تەربىيىسىز دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزگە ئوبدان قاراپ بېقىڭ.
   ئاياللارنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماڭ، بىر كۈنلەردە ئائىلىگە ئوڭۇشسىزلىقلار كەلسە، ئاياللار ئەرلەردىنمۇ قەيسەرلىشىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن ئاياللار بالىلىرى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ئىشلارنى قىلسىمۇ بىرەر ئېغىز ۋايساپ قويمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللار بالىسى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن كۆتۈرەلمىگۈدەك بېسىمغا يولۇقسىمۇ، ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ.
خوتۇن بولسا، ئانا بولسا، ئائىلە دېگەن شۇ. بالىلار قانچە ياشقا كىرسۇن، ئانىلارنىڭ نەزىرىدە مەڭگۈ بالا. ئانىڭىز بولسىلا، قەلبىڭىزدە ھامان قايتىپ كېتىشكە ئەرزىيدىغان بىر جاي ساقلانغان بولىدۇ. مەيلى قاچان قايتىپ كەلسىڭىز، ئانىڭىزنىڭ ئىسسىق تامىقى ھامان سىز ئۈچۈن تەييار. ئەرلەر قانچە ياشتا بولسۇن، ئۆيدە خوتۇنى بولسا، ئائىلە شۇ يەردە. سىرتتا بىر كۈن چارچاپ ئۆيگە قايتقاندا، سىزنى چۈشىنىدىغان بىرى ساقلاپ تۇرىدۇ، مانا بۇنىڭ ئۆزى بەخت. بەلكىم كۈندە سىزگە شېرىن سۆزلەرنى دەپ ئولتۇرماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئۇ سىزنى ھەقىقىي سۆيىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر بەخت.
   ئايال كىشى بىر ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئايال بىر ئائىلىنىڭ بەختىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقان بولسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە بەخت ئاتا قىلغان ئايالىڭىزغا رەھمەت ئېيتىڭ، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەنىمۇ سىز ئۈچۈن كۆپ قۇربانلىقلارنى بەردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى