قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ يېمەك- ئىچمىكىمۇ دۇنياغا داڭلىق

2018-04-16 13:35:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھالبۇكى جۇڭگونىڭ يېمەك- ئىچمىكىمۇ دۇنياغا داڭلىق. بۇلتۇر 9- ئاينىڭ بېشىدا توخو گۆشى گۈرۈچ دۈملىمىسى ئامېرىكا بازىرىغا كىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى ئاشخانىسىمۇ ياپونىيەدە تىجارەت باشلىدى. يېقىندا ئۈرۈمچىدە  قار ياغدى. مۇشۇنداق قار ياققان كۈنلەردە كەچتە بىر قاچا ئىسسىق كالا گۆشى ئۈگرىسى ئىچسە ئادەمگە بەك ئىسسىق بېسىپ، راھەتلىنىپ قالىدۇ.
  توخو گۆشى گۈرۈچ دۈملىمىسى يېڭىدىن پەيدا بولغان تاماق بولغىنى بىلەن، لەنجۇ كالا گۆشى  ئۈگرىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. قاچاندىن بىرى شۇنداق بولدىكى، «لەنجۇا ئۈگرىخانىسى» دەپ خەت يېزىلغان كۆك رەڭلىك ۋىۋىسكا ئاستا- ئاستا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە دىگۈدەك تارقالدى. بېيجىڭدا توردىن «لەنجۇ ئۈگرىسى» نى ئىزدىسىڭىز، ئۇنىڭ  سانىنىڭ يەرلىك يېمەك- ئىچمەك ئاشخانىلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ھازىر لەنجۇ كالا ئۈگرىسىنى بىلمەيدىغانلار يوق.
  لەنجۇنىڭ تاڭ سەھىرىنى كالا گۈشى شورپىسى بىلەن قىزىلمۇچنىڭ ھىدى قاپلايدۇ، لەنجۇلۇقلارنىڭ ئەتتىگەندە كالا گۈشى ئۈگرىسى ئىچىدىغان ئادىتى بار. ئۇلار بىر كۈندىكى ئىشنى كالا گۆشى  ئۈگرىسى ئىچىشتىن باشلايدۇ. ئۇلار كالا گۆشى ئۈگرىسىنى قاچىنىڭ تىگى كۆرۈنگىچە پاك- پاكىز ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ناھايىتى راھەتلىنىپ كېتىدۇ. تاڭ سەھەردىكى بۇرۇختىمىلىق ۋە تۇرمۇش بېسىملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىسسىق بىر قاچا ئۈگرە ئېلىپ كەلگەن بەخت تۇيغۇسىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. لەنجۇنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا كالا گۆشى ئۈگرىخانىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئەگەر ئىزدەپ باقسىڭىز 1 مىڭ 500 گە يېقىن ئاشخانىنى تاپالايسىز. ئادەملەر زىچ ئولتۇراقلاشقان كوچىلاردا سىز ھەتتا ئۈچ، تۆت كالا گۆشى ئۈگرىخانىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقى، ئىچىنىڭ خېرىدارلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى كۆرىسىز. ئىلگىرى ئاشخانا كىچىك، خېرىدار كۆپ بولغاچقا، ئورۇن يېتىشمىگەنلەر قاچىسىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ ئىچىشەتتى. قىشتا قېلىن قار ياغقاندىمۇ، خۇشخۇي شىماللىقلار قارنىڭ ئۈستىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ئىچىۋېرەتتى. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قاردا ھورى چىقىپ تۇرغان ئىسسىق ئۈگرىنى ئىچسە تولىمۇ ھوزۇر بىلىنىدۇ.
  كالا گۆشى ئۈگرىسى بىلەن لەنجۇلۇقلارنىڭ تۇرمۇشى زىچ باغلانغان. 2007- يىلى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، لەنجۇ كەچلىك گېزىتنىڭ باش بېتىگە: «مازىلۇ كالا گۈشى ئۈگرىسىنىڭ باھاسى بەش پۇڭ ئۆستى» دېگەن خەۋەر بېسىلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ باھاسى 1 يۈەن 7 مودىن 2 يۈەن 3 موغا، 2 يۈەن بەش مودىن بىراقلا 7 يۈەنگە ئۆستى. ھەر قېتىم باھاسى ئۆسكەندە جەمئىيەتتە غۇلغۇلا قىلىناتتى. بىراق غۇلغۇلا غۇلغۇلا پىتى قىلىۋەردى. ئەتىسىدىن باشلاپ لەنجۇلۇقلار ئاۋۋالقىدەكلا ئۆچرەتتە تۇرۇشۇپ، «مۇچى بىلەن سامسىقى جىقراق بولسۇن، گۆش بىلەن تۇخۇم ئىككى كىشىلىكتىن بولسۇن» دېيىشىپ كالا گۆشى ئۈگىرىسى سىتىۋېلىپ ئىچىۋەردى. 
  تەبىئىي مۇھىت سەۋەبىدىن، غەربىي شىماللىقلار ئۇن تامىقى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لەنجۇلۇقلارمۇ ئەزەلدىن چۆپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى داڭلىق تاماق بولۇپ قالغان. ھەتتا چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان شائىر جاڭ شۇمۇ ما بوۋاينىڭ كالا گۆشى ئۈگرىسىگە ئاتاپ: «ما بوۋاينىڭ قىلدەك ئىنچىكە ئۈگرىسىنىڭ ئۆزگىچە تەمى، يىراقتىكى يۇرتۇمنى ئەسلىتەر» دىگەن مىسرالارنى يازغان.
  لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شاھىت بولدى ھەم ئاستا- ئاستا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. ئادەتتە لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ شورپىسى سۈزۈك بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئاق تۇرۇپ سېلىنغاندىن باشقا، شورپىنىڭ يۈزىنى ئېتىۋالغۇدەك دەرىجىدە سامساق مايسىسى، ئازراق ياغمۇچ، يەنە يۇمشاق كالا گۆشىدىن بىر نەچچە پارچە سېلىنىدۇ. تۇخۇم، تۇزلانغان كۆكتات قاتارلىقلارنى بىللە يىگەندە تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسى پىشىپ چىققۇچە ئىككى مىنۇتلا ۋاقىت كېتىدۇ. ئەگەر ھۈنەرگە پىشقان ئاشپەز بولسا ئىككى مىنۇتتا ئالتە- يەتتە قاچا ئۈگرىنى تەييار قىلالايدۇ. ئۈگرە ئالدىمىزغا كەلگەندە چوقۇم شورپىسىدىن بىر يۇتۇم ئىچىشىمىز كېرەك. لەنجۇلۇقلار سەھەردە ئەتكەن كالا گۆشى ئۈگرىسىنىڭ شورپىسىنى قويۇق ۋە تەملىك بولىدۇ دەپ قاريدۇ. ئۇلار بۇنى «تۇنجى ئۈگرە» دەپ ئاتايدۇ. چۈنكى، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى شورپىغا سۇ قۇيۇلىۋەرگەچكە شورپىنىڭ تەمى سۇسلاپ بارىدۇ. لەنجۇدا «تۇنجى ئۈگرە» نى ئېچىشنىڭمۇ قائىدىسى بار. قازاندىن چىققان تۇنجى كالا گۆشى ئۈگرىسىنى ئىچىش ئۈچۈن، كالاگۆشى ئۈگرىسىگە ئامراق كىشىلەر تاڭ يورۇماستىنلا ئۆيلىرىدىن چىقىپ، ئاشخانىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپ، ئاشخانا ئىچىلىشى بىلەنلا قازاندىن چىققان تۇنجى كالا گۆشى شورپىسى بىلەن ئۈگرىسىگە ئېغىز تېگىدۇ.
  بىراق، جۇڭگودىكى لەنجۇ ئۈگرىخانىلىرىنىڭ بەزىلىرىنى چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى خەيدۇڭلۇقلار ئاچقان. خەيدۇڭ غەربىي شىمال رايونىغا تەۋە. خەيدۇڭنىڭ يەرلىرى ئۈنۈمسىز، تەبىئىي مۇھىتى ناچار بولغاچقا،بياخشىراق كۈن كەچۈرۈش ئۈچۈن جاپاغا چىداملىق خەيدۇڭلۇقلار لەنجۇلۇق ئۇستاملارغا شاگىرت بولۇپ، ئۇلاردىن ھۈنەر ئۆگىنىپ، باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئاشخانا ئېچىپ، قەدەممۇ قەدەم «لەنجۇ ئۈگرىسى» نى جۇڭگونىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرگىچە كېڭەيتكەن. كالا كۆشى ئۈگرىسىدىن لەنجۇ خەلقىمۇ چىڭخەي خەلقىمۇ ئىپتىخارلىنىدۇ. مەيلى سىز كىمنىڭ ئەتكىنىنى يېيىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، يىيىشلىكلا بولسا شۇ ئەڭ ياخشىسى. 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى