قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەلەككە تۇتاشقان غار توغرىسىدا

2018-04-17 11:08:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پەلەككە تۇتاشقان غار خارابىسى جىمىنەي ناھىيەسىنىڭ توست يېزا قويتاس كەنتى ئەتراپىدىكى ساۋۇر تېغىنىڭ شىمالى ئىتىكىگە جايلاشقان. بۇ خارابىيلىكتىكى غاردا تاغ چوققىسىغا تۇتاشقان بىر تۈشۈك بار بولغاچقا، بۇ يەرگە پەلەككە تۇتاشقان غار دەپ نام بېرىلگەن. بۇ خارابىيلىك 2014- يىلى بايقالغان. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنى بىلەن بېيجىڭ ئونۋېرستېتىنىڭ ئارخولوگىيە، مۇزىي كەسپى ئىنىستىتۇتىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە ئارخولوگىيە ئەترىتى 2016- يىلىدىن    2017- يىلى يازغىچە، بۇ يەردە ئىككى قارارلىق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئارخولوگىيە خادىملىرى 2017- يىلى 9- ئايدا ئۈچ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر قاتلىمىدىن قەدىمقى تاش قوراللار دەۋرى، مىس، تاش قوراللارنى تەڭ ئىشلىتىش دەۋرى، برونزا دەۋرى، دەسلەپكى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە ئائىت يەر قاتلاملىرىنى قېزىپ تەكشۈرۈپ، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق تاش قورال، ھايۋاناتلارنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭەكلىرىنى قېزىپ چىقتى. ئۈچ يەردە قەدىمقى تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ گۈلخان ئىزناسىنى بايقىدى ھەمدە بۇنىڭدىن 5 مىڭ يىلدىن 3 مىڭ 500 يىلغىچە بۇرۇن تېرىلغان بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ قالدۇقىنى تاپتى.
بۇ قېتىمقى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىيات تارىخىنى چۈشىنىش، ئاسىيا، ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەرپ، شەرق ئىككى تەرىپىدە تارىختىن بۇرۇنقى ئادەملەر توپىنىڭ كۆچۈش، ئالاقىلىشىش، كېڭىيىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ھەمدە قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ ماسلىشىش ئۇسۇلى، تىرىكچىلىك مەشغۇلاتى، تاش قوراللارنىڭ كېلىش مەنبەسى قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى زور قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە. شىنجاڭدىكى ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرلىرى ئۇدا تۆت يىل مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇلار ئايرىم ھالدا: نىلقا ناھىيەسىنىڭ جىرىنتاي جىلغىسىدىكى برونزا دەۋرىگە مەنسۇپ مەھەللە خارابىسى؛ ئۇچكۆل خارابىيلىكى؛ خوشۇت ناھىيەسىدىكى قىزىل تاغ قەبرىستانلىقى؛ قابا ناھىيەسىدىكى قاراسۇ قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى