قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 مېنىڭ دۇنيارىم

2018-04-17 11:34:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مو شۈي

بۇ، قۇم قۇتا تۈرىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن، جۇڭگوچە تەرجىمە ئىسمى «مېنىڭ دۇنيارىم». ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى، بۇ ئويۇندا ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنمايدۇ، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئالاھىدىلىكى ئويۇن ئوينىغۇچى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى ياسايدۇ.
ئويۇندا گۈزەل كۆرۈنۈشلەر، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ۋەقەلىكلەر يوق، ئويۇن باشلىنىشىدىلا سىتىفېن ئىسىملىك چاقماق كىچىك ئادەم چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدىكىسى ئوخشاشلا چاقماق دۇنياسى. سان- ساناقسىز چاقماقلاردىن تۈزۈلگەن دۇنيانى تۇنجى كۆرگەندە بەكلا ئۈمىدسىزلەنگەن، ئويۇن دېگەنمۇ مۇشۇنداقمۇ ئاددىي بولامدۇ؟ خۇددى21 - ئەسىردىكى ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كارتىلىق ئويۇنلىرىنى ئوينىغاندەك دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم، بۇ ئويۇن ماڭا پەقەتلا ياقمىغان ئىدى. ئويۇننى دەسلەپتە ئىچىم سىقىلىپ، زىرىككەن ۋاقىتلىرىمدا ئوينىغان ئىدىم، 200 يۈەنگە يېقىن پۇلغا سېتىۋالغان ئويۇننىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى ئويۇن بولۇپ قېلىشى زەردەمنى قايناتقان ئىدى. خەجلىگەن پۇلۇم ئىسراپ بولمىسۇن دەپ، ئويۇننى چىداپ تۇرۇپ ئوينىدىم. ئاچچىق كەيپىياتىم بۇ ئويۇننى ئىككى كۈن، توپتوغرا 20 سائەت ئوينىغاندىن كىيىن يوقىدى. 20 سائەتتىن كىيىن، قارىماققا بەكلا ئاددىي كۆرىنىدىغان چاقماق دۇنياسى تەڭداشسىز «ھەقىقىي دۇنيا» دەك بىلىندى. بۇ يەردە دەرەخلەر، يايلاقلار، دەريا- ئېقىنلار، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت قاتارلىق رىئال دۇنيادا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار. بۇ «ھەقىقىي دۇنيا» ئىچىگە باشچىلاپلا كىرىپ كەتتىم. بىر كۈنى، يايلاقتا بىر كۆك بۆرىگە ئۇچراپ قالدىم. بۇ كۆك بۆرىمۇ ئوخشاشلا چاقماق بۆرە ئىدى. ھەرىكەتچان بۇ رەڭلىك چاقماقنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ يايلاقتىكى كۆك بۆرە ئىكەنلىكىنى خېلى ئۇزاق تەپسىلى كۆزەتكەندىن كىيىن پەرقلەندۈرگەن ئىدىم.
بۇ «ھەقىقىي دۇنيا» دىكى بىردىن بىر بۆرە مېنى كۆرۈپ قورقۇپ مۆكىۋالدى، كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن يىراقتىكى ئورمانغا قاراپ قاچتى. ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، بەلكىم ئىچىم پۇشۇپ قالغاندۇ، كۆك بۆرىنىڭ كەينىدىن بىر كۆلنىڭ بويىغا كەلگىچە خېلى ئۇزاق قوغلىدىم. كۆك بۆرە ماڭىدىغان يول قالمىغاندىلا ئاندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. بۇ چاغدا ئۇ باشتىكىدەك ئېھتىياتچان ئەمەس ئىدى. مەن يېنىمدىكى سۆڭەكنى ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولدۇم، ئۇنىڭ بېشىدا قىزىل رەڭلىك يۈرەكنىڭ شەكلى، بوينىدا بويۇنداق كۆرۈلدى، بۇ ئۇنىڭ ماڭا بوي سۇنغانلىقىدىن  دېرەك بېرەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ «ھەقىقى دۇنيا» دا مېنىڭ ھەمراھىم بار بولدى، يايلاقتىكى قورقۇنچاق كۆك بۆرە مېنىڭ ئەرمىكىم بولۇپ قالغان ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ياغاچ ئۆيۈمنى سېلىشقا باشلىدىم، دېھقانچىلىق مەيدانىمنى باشقۇردۇم، ناھايىتى كۆپ كالا، قوي باقاتتىم، گۈل گىياھ تېرىدىم، بەزىدە ئۇلارنى ئۆچۈرىۋېتىپ، يەنە يېڭى نەرسىلەرنى ياسايتتىم. پەقەت ھېلىقى كۆك بۆرىلا باشتىن- ئاخىر ماڭا ھەمراھ بولاتتى.
كىيىن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن باشقا يۇرتقا كەتتىم، ئۆيۈمدىكى كومپىيۇتېرنى يامغۇردا چاقماق سوقىۋەتكەنلىكتىن قاتتىق دېسكىدىكى كۆك بۆرە مەڭگۈ غايىپ بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن يېڭى خاتىرە كومپىيۇتېردىن بىرنى سېتىۋالدىم، ئوقۇشۇم ئالدىراش بولغاچقا، بۇ ئويۇننى ئۇزاققىچە ئوينىيالمىدىم. تۆت يىلدىن كىيىنكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان چاغ ئىدى، كومپىيۇتېر سىستىمىسىنى يېڭىلىدىم، يېڭى سىستىمىنىڭ باشلىنىش كونۇپكىسىنى تۇنجى قېتىم باسقىنىمدا بۇ ئويۇننىڭ سىستىمىغا قاچىلاغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە بەكلا خۇش بولدۇم. ھاياجانلانغانلىقىمدىن بۇ ئويۇننى قايتا ئاچتىم، تونۇش يېنىك پىئانىنو مۇزىكىسى، چاقماق دۇنيا، پەقەت ماڭا ھەمراھ بولغان كۆك بۆرىلا مەڭگۈلۈك يوقىغان ئىدى. ئويۇننى بىر سائەت ئوينىدىم.
بۇ ئويۇن ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ مەڭگۈ قايتىپ كېتەلمەيدىغانلىقىمنى بىلدىم.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى