قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆزىڭىزنى قىسقا مەزگىل ئازاد قىلىڭ

2018-04-17 11:39:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جەن خوڭجى

«گرىفونىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىدە گرىفونىڭ ھاياتى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلگەن. 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، 14 ياشلىق گرىفو نوتتىڭخام كېنەزلىكىدىن كامبرجدىكى ئىممانويىل ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا بارغان. ئۈچ يىلدىن كىيىن، ئۇ مەكتەپتىن ئايرىلىپ، لوندوندىكى داڭلىق تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بېس ئەپەندىگە تۆت يىل شاگىرت بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە دېڭىز ئوكيان ۋە ماتېماتىكا قاتارلىقلارغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ: «ئىرادىلىك ساياھەتچىلەرگە بۇ بىلىملەر بەك ئەسقاتىدۇ. ھامان بىر كۈنى تەلىيىم كېلىپ ساياھەتكە چىقىدىغانلىقىمغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن» دەيدۇ. گرىفو ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، سودا كېمىسىدە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان، ئالتە يىلدا شەرقىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرى ۋە غەربىي ھىندىستان تاقىم ئاراللىرىغا كۆپ قېتىم بارغان. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا كۆپ كىتاب كۆرگەن، قۇرۇقلۇققا چىققاندا شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىنى كۆزەتكەن ۋە تىلىنى ئۆگەنگەن.
بىلىم ئىگىلەش، شاگىرت بولۇش، ساياھەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەريان گرىفو قوبۇل قىلغان ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئىدى. بۇ، 17- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆزىنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئەتراپلىق تەربىيەلەيدىغانلار بېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپە، شۇنداقلا ھازىرقى زاماندىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ساياھېتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئىدى. ئىلگىرى ساياھەت مائارىپنىڭ بىر تۈرى، ساياھەتنىڭ ئاخىرلىشىشى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ تاماملىنىشى دەپ قارىلاتتى. بۇ ئىشلار، بۈگۈنكى كۈندە بىزلەرنى قانداق ئويغا سالىدۇ؟
تەسەۋۋۇر قىلايلى، ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى بارلىققا كەلمىگەن دەۋردە، ساياھەت زادى قانداق بولاتتى؟ بۈگۈنكى كۈندە، بېيجىڭدىن خاڭجۇغا بارماقچى بولساق ئايرۇپىلانغا ياكى پويىزغا ئولتۇرساقلا بولىدۇ. ئەمما، قەدىمدە ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ئالدى بىلەن سەپەر يۆنىلىشىنى بەلگىلەش، ئاندىن ساياھەتتە دۇنياغا بولغان چۈشۈنۈشلىرىڭىز بىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك سىناقلارغا تەييارلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
ساياھەتنىڭ ئەھمىيىتى شۇكى، چوقۇم ناتونۇش بولغان مۇھىت بىلەن كۈرەش قىلىشىڭىز لازىم. ئەگەر ساق- سالامەت قايتىپ كەلسىڭىز، ئالغان تەربىيەڭىزنىڭ قەلبىڭىزگە سىڭگەنلىكىنى ئىسپاتلايسىز، پىشىپ يېتىلىسىز، مۇستەقىل، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز خوجا بولالايسىز. بۇ، بىزنىڭ ھازىرمۇ يەنە «كۆپلەپ كىتاب ئوقۇپ، جىقراق سەپەرگە چىقىش كېرەك» دىيىشىمىزنىڭ سەۋەبى. ساياھەت قىلىش ۋە كىتاب ئوقۇش مائارىپتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆز- ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
ھەممە نەرسە تەل ساياھەت ئەسلى ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ساياھەت. بۇ خىل ساياھەتتە ساياھەتچى مەنزىل بىلەن ھەقىقىي مەنىدە ئۇچراشمايدۇ، ساياھەت پەقەت ساياھەتچىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسىدىكى بەلگىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ خالاس. لوندونغا بارغىنىمنى قانداق ئىسپاتلايمەن؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگە خاراكتىرلىك بىر قىسىم نەرسىلەرنى تېپىشىمغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: لوندون مۇنارى دېگەندەك. ناۋادا پارىژغا بارغان بولسام ئېففىل تۆمۈر مۇنارىغا چوقۇم بېرىشىم مۇمكىن، مۇشۇنداق بولغاندىلا ئۆزۈمنىڭ پارىژدا ئىكەنلىكىمنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن. ساياھەتتە جىسمانىي تۇيغۇنى بەلگە خاراكتىرلىك نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئايلاندۇرىۋالىمىز. ھەتتا بەلگە خاراكتىرلىك نەرسىلەرنى كۆرۈشمۇ يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى، تۇيغۇنى ئېلىپ كەتكىلى بولمايدۇ- دە. شۇڭا، ئېففىل تۆمۈر مۇنارى ئاستىدا تۇرۇپ، يان تېلىفونىمنى چىقىرىپ، ئۆرۈلۈپلا چارس قىلىپ سۈرەتكە چۈشىمەن. مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارغا ئۆزۈمنىڭ پارىژغا بارغانلىقىمنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن. ساياھەتتە مەنزىلنى چۈشۈنۈش يېتەرلىك بولمىسا ئۇ پەقەت تۇيغۇ بەلگىلىرى، ئەستە ساقلاش بەلگىلىرى قاتارلىق بىر قاتار بەلگىلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كوچىدىكى خالىغان بىر قاۋاقخانىدا سۈرەتكە چۈشسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پارىژغا بارغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
شۇڭا، ساياھەت ئۆمەكلىرىدە بىرەيلەن: «بىز بۈگۈن زادى نەگە بارىمىز؟» دەپ سورىسا، يەنە بىرەيلەن سەپەر جەدۋىلىنى ئېلىپ:«بۈگۈن سەيشەنبە، بىلگىيەگە بارىدىكەنمىز» دەپ جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن.
بۇ خىل ساياھەت بىر جەدۋەل ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. تونۇش تىلدا سۆزلىشىش، ئوخشاش مېھمانخانىلاردا يېتىش، يەنىلا ئۆز يۇرتىنىڭ تاماقلىرىنى يىيىش...... ھەممە تەل ساياھەت ئالەم كىيىمى كىيىۋېلىپ ئالەمدە، ئۆز يۇرتىنىڭ كىيىمىنى كىيىۋېلىپ ياقا يۇرتتا ساياھەت قىلغانغا ئوخشايدۇ.
ساياھەت ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ بىر خىل قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەسلى ئەھمىيىتى قانچە ئېنىقسىز، قانچە قىيىن، قانچە جاپالىق بولسا، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئەمما، بۈگۈنكى ساياھەت بارغانسىرى ئازادىلىكنى قوغلىشىۋاتىدۇ، ھەتتا يەر شارىلاشقان ساياھەت سانائېتى شەكىللىنىۋاتىدۇ.
ھازىر كۆرىلىۋاتقىنى ئازادىلىك ۋە پۇلنىڭ ساياھەتنىڭ ئەسلى ئەھمىيىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى بولسا كېرەك. ئەمما پەقەت ئۆزىڭىزگە بىر پۇرسەت ئاتا قىلسىڭىز ۋە ناتونۇش جەمئىيەت بىلەن ئۇدۇلمۇ- ئۇدۇل ئۇچراشسىڭىزلا ئاندىن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنالايسىز ياكى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئازراق بولسىمۇ يۇشۇرۇن ھوزۇر ئالالايسىز. مانا بۇ مېنىڭ ساياھەتتىن كۈتىدىغىنىم، ئۆزىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ ئازاد قىلىڭ، ئۆزىڭىزگە تونۇشلۇق بولغان مۇھىتتىن قۇتۇلۇپ، باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئازاد قىلىشىڭىزلا يېتەرلىك.
  ساياھەت قىلىش بىلەن ئوقۇشنىڭ بىر بىرىگە نەقەدەر باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. ئادەم تۇغۇلغاندا، نۇرغۇن نەرسىلەر قارار قىلىنىپ بولغان بولىدۇ، بۇنىڭدا ئاتا- ئانىنىڭ تاللاش پۇرسىتى بولمايدۇ، يۇرتنى تاللىيالمايدۇ، تۇغۇلۇش ۋاقتىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. ئەمما كىتابتىن بىرنى ئوقۇش باشقىچە بىر خىل ھاياتلىقنى ئوغۇرلىغانغا ئوخشايدۇ. ساياھەت قىلغاندا ئۆزىڭىزنى قىسقا مەزگىل ئازاد قىلىڭ، يەنى باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىڭ، كىتاب ئوقۇش بىلەن ساياھەت قىلىشنى باشقىچە بىر خىل كىشىلىك ھايات ئۇسۇلى دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ھىچ بولمىغاندا، ھاياتىمىزدا، تېخىمۇ كۆپ تۇيغۇغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگىمىز. ھەقىقىي كىشىلىك ھاياتقا قارىغاندا كىتاب ئوقۇش بىلەن ساياھەت تۇرمۇشتىكى ئىككى رولچىغا بەكرەك ئوخشايدۇ، يىغىنچاقلىغاندا ئۇلار كىشىلىك ھاياتنىڭ بىر خىل شەكلى. باشقىچە بىر خىل تۇرمۇشنى كۆرۈپ بېقىڭ، باشقىچە بىر خىل تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىڭ، باشقا بىر دۇنيا، باشقا بىر مەنزىرە، باشقا بىر ئۆرپ ئادەتنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھاياتنىڭ بىيتىلىشىدىن ئىبارەت.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى