قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چىش پاستىسىنىڭ راستىنلا قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇش ئۈنۈمى بارمۇ؟

2018-04-19 11:33:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

چىش پاستىسىنىڭ قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇش ئۈنۈمى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. داغ يوقۇتۇش كەسپىي خادىملىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قېرىلىق دېغىنىڭ شەكىللىنىشى ئادەم بەدىنى ئورگانىزىمىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، بەدەندىكى قارا پىگمېنتنىڭ ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا ھەيدەپ چىقىرىلمىغانلىقىدىن پەيدا بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، قېرىلىق دېغى ئاساسلىقى ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل قالايمىقانلىشىشىدىن پەيدا بولىدىكەن. ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىلار سىستېمىسى ھەر خىل ھورموننى ئاجرىتىپ چىقىرىش، نېرۋا سىىستېمىسى بىلەن بەدەننىڭ فىزىئولوگىيەسىنى ھەمدە ماددا ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن. چىش پاستىسىنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلارنى تەڭشەش تەرەپلەردىكى رولى تېخى تەجرىبىدە ئىسپاتلانمىغاچقا، چىش چوتكىلاشقا ئىشلىتىدىغان چىش پاستىسىنىڭ داغ يوقۇتۇش تەرەپلەردىكى رولى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىكەن.
بىز ئادەتتىكى يېمەك- ئىچمەك ئارقىلىق قېرىلىق دېغىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە ئۇنى يوقۇتۇشىمىز كېرەك. قېرىلىق دېغى بەدەندىكى ئانتى ئوكسىدازا بىلەن ئوكسىدلىنشقا قارشى ماددىنىڭ ئازلاپ كەتكەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلارنى تولۇقلىسا بىۋاسىتە ئۈنۈمى بولىدۇ. مەسىلەن ۋىتامىن E نىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى رولى ئەڭ ياخشى. ئادەتتە، كۈنجۈت، سويا پۇرچاق (دادۇر)، ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋە، تۇخۇم، كۆممىقوناق، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. قېرىلىق دېغىغا نىسبەتەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش كېرەك، ئەگەر قېرىلىق دېغى پەيدا بولغان بولسا، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش سۈرئىتى بىلەن پىگمېنتلارنىڭ تېرىگە چۆكۈشىنى يوقۇتۇش بىر قەدەر تەس بولىدۇ.
قېرىلىق دېغىنى يوقۇتۇشقا قارىتا، خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن يەرلىك رېتسېپلار تارقالغان مەسىلەن: ئاق ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل، سامساق ياپىلاقچىسى قاتارلىقلارنى داغ چۈشكەن ئورۇنغا سۈرۈپ بەرسە ياكى يېقىپ بەرسە بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش جەريانىدا تېرە غىدىقلىنىپ ئېچىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى