قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساماۋەر شورپىلىرى

2018-04-19 12:54:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ يىللىرىدا، بېيجىڭدىكى «دۇڭلەيشۈن» ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى ئوردىدىكى ئاغۋاتلارنى سېتىۋېلىپ، ئوردىنىڭ ساماۋەر شورپىسىنىڭ خۇرۇچلىرىنى ئوغۇرلاپ چىققان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ساماۋەر شورپىسى ئەل ئارىسىدا ئومۇملاشقان. تۇ لىنشىياۋنىڭ «قەدىمىي پايتەختتىكى 100 سۆز» ناملىق كىتابىدا: «قوي گۆشى ساماۋەر شورپىسى قىشنىڭ ئەڭ سوغۇق مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېلىدىغان، ئەڭ ئاددىي ۋە ئىتايىن تەملىك تاماق تۈرى بولۇپ، قوي گۆشىدە ئېتىلىدىغان تائام تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇنداق يېيىش ئۇسۇلىنى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ناھايىتى يېيىشلىك. مىس قازاندا پىشۇرۇلغان مەززىلىك قوي گۆشىدە قەدىمىي بېيجىڭنىڭ تەمى بار» دېيىلگەن.
  چوڭچىڭنىڭ تۈكلۈك قېرىن ساماۋەر  شورپىسى:
 چوڭچىڭ ساماۋەر شورپىسى تۈكلۈك قېرىن شورپىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. تائام مۇتەخەسىسى چې فۇنىڭ قارىشىچە، چوڭچىڭلىقلارنىڭ تۈكلۈك قېرىن شورپىسى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ئەركىن، ئوچۇق- يورۇق مىجەزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. چېڭدۇلۇقلار بولسا سىپايى مىجەزلىك كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ تاماق ماتېرىياللىرىغا بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ئۇلار ساماۋەر شورپىسى تەييارلاشتا پىياز، سامساقنى ئاساس قىلىدۇ. چېڭدۇدا يىلان بېلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە يىلان بېلىق پاكىزە يۇيۇلۇپ، قازانغا سېلىنىدۇ. چوڭچىڭدا يىلان بېلىقنى قېنى بىلەن قوشۇپ پىشۇرىدۇ. چوڭچىڭدا ئوتتۇرىسى تۆشۈك ساماۋەر ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى سىرتنىڭ تېمپىراتۇرىسىدىن 10 گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەن بولىدۇ.
  گۈيجۇ كەيلىنىڭ ئاچچىق- چۈچۈك ساماۋەر شورپىسى:
  گەرچە ئاچچىق- چۈچۈك بېلىق شورپىسى باشقا يەرلىكلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا گۈيجۇ ساماۋەر شورپىسىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى بولسىمۇ، بىراق، ئەمەلىيەتتە، گۈيجۇدىكى ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزگىچە تۈرلىرى بار. ئاچچىق- چۈچۈك ساماۋەر شورپىسى بولسا گۈيجۇنىڭ غەرپ ۋە جەنۇبىدا كۆپرەك تەييارلىنىدىغان ساماۋەر شورپىسى. گۈيياڭلىقلارنىڭ ساماۋەر شورپىسى ئىچىشنى ياخشى كۆرىشىنىڭ مەنبەسى كەيلىدىكى قىزىل ئاچچىق- چۈچۈك شورپىدىن كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئىستېمال قىلىدىغان «زاۋخەيجىياۋ» دەپ ئاتىلىدىغان تامىقىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئاچچىق- چۈچۈك ساماۋەر شورپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
  يۈننەننىڭ زەمبۇرۇغ ساماۋەر شورپىسى:
  يازغۇچى، تائام مۇتەخەسىسى ۋاڭ زېڭچى «كۈنمىڭدىكى يامغۇر» ناملىق ئەسىرىدە، كۈنمىڭدا زەمبۇرۇغ ناھايىتى كۆپ، يامغۇر پەسلىدە كۆكتات بازىرىنى ئايلانغاندا تۈرلۈك زەمبۇرۇغلارنى ھەممە جايدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ، دەپ يازغان. ئەمەلىيەتتە، يۈەننەندە زەمبۇرۇغ چىقمايدىغان جاي ناھايىتى ئاز. يامغۇر پەسلى، يەنى زەمبۇرۇغ پەسلى يېتىپ كېلىشى ھامان، يۈننەنلىكلەر ئۆزلىكىدىن زەمبۇرۇغ ئىستېمال قىلىش ھالىتىگە كىرىدۇ. قورۇتۇپ ئىستېمال قىلىش، ساماۋەر شورپىسى قىلىپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ زەمبۇرۇغ ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى. زەمبۇرۇغ ساماۋەر شورپىسىنى ئىستېمال قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت بولسا: گۆش سالماسلىق! گۆش سالماسلىق! گۆش سالماسلىق! تىن ئىبارەت.
  گۇاڭدۇڭ شۈندېنىڭ ئۇماچ ساماۋەر شورپىسى:
  شۈندېنىڭ ئۇماچ مەدەنىيىتى 19- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا گۈللەنگەن بولۇپ، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئوۋياڭ فامىلىلىك بىر جۈپ ھەدە- سىڭىل بىرلىكتە سىنگاپورغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شۈندې ئۇمىچى ئېتىش ئۇسۇلى ئۇلار ئارقىلىق يىراق جايلارغا تارالغان ۋە بارا- بارا نامى چىقىپ ھەم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئەڭ ئاخىرى شۈندې رايونىنىڭ غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۆزگىچە ئۇماچ ئېتىش ماھارىتىگە ئىگە شۈندېلىقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇماچ ساماۋەر شورپىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۈندې مەززىلىك ئۇمىچىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئىچىگە سېلىنىدىغان خام ماتېرىيال تۈرلىرى مول بولۇپ، تۈرى كۆپ. مىدىرايدىغان، تىك تۇرالايدىغان، ئۇچالايدىغان، ئۈزەلەيدىغان دېگەندەك تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  گۇاڭدۇڭ چاۋشەننىڭ كالا گۆشى ساماۋەر شورپىسى:
  يېمەكلىكەرنى ئەسلى تەمى بويىچە ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ۋە يېمەك- ئىچمەكتىكى گۈزەللىكتىن يۈكسەك دەرىجىدە ھوزۇرلىنىش ئېڭىنى چاۋشەن شەھىرىنىڭ كالا گۆشى ساماۋەر شورپىسىدىن بارلىققا كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. چاۋشەن ساماۋەر شورپىسى تەييارلاشتا كالا گۆشىنىڭ يېڭى بولۇشى تەكىتلىنىدىغان بولۇپ، «كالا چوقۇم شۇ كۈنى بوغۇزلانغان، گۆش توڭلىتىلمىغان بولۇش، قانچە يېڭى بولسا شۇنچە ياخشى بولۇش...» دېگەندەك تەلەپ- ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسى چاۋشەن كالا گۆشى ساماۋەر شورپىسىنىڭ كىشىلەر ئادەتلەنگەن ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى.
     شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۇزلانغان يېسىۋىلەك گۆش ساماۋەر شورپىسى:
  ئۇ سىرتلاردا يۈرۈپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان شەرقىي شىماللىقلارنىڭ يۇرتىغا بولغان سېغىنىش ئوتىنى پەسەيتىدىغان تاماق بولۇپ، قىش كۈنى شەرقىي شىماللىقلار چوقۇم تۇزلانغان يېسىۋىلەك گۆش ساماۋەر شورپىسى ئىستېمال قىلىدۇ. تۇزلانغان يېسىۋىلەك گۆش ساماۋەر شورپىسى شەرقىي شىماللىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تاماق تۈرلىرىنىڭ بىرى.
   جېجىياڭنىڭ جۇخار گۈلى ساماۋەر شورپىسى:
 جۇخار گۈلى ساماۋەر شورپىسى دەسلەپتە چىڭ دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدە پەيدا بولغان ئوردا تاماقلىرىنىڭ بىرى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ  سىشى تەيخۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى ئىكەن. ھازىرقى دەۋىردىمۇ، جۈخۇار گۈلى كۆپلەپ تېرىلىدىغان جايلاردا، مەسىلەن، خاڭجۇدا جۇخار گۈلى ساماۋەر شورپىسى كۆپ. يازغۇچى لى بىنخۇا ئىلگىرى بۇنىڭ ئۇسۇلى توغرىسىدا خېلى ئىزدەنگەن. بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەپ يازغان: جۈخۇار گۈلى بەرگىسى ئىلمان سۇدا يۇيۇلۇپ، ساقىتىپ قۇرۇتۇلىدۇ. توخۇ گۆشى، سۈرلەنگەن كولباسا قاتارلىقلاردىن شورپا تەييارلىنىپ، ئۈستىگە بىر قاچا جۈخۇار گۈلىدە دەملەنگەن سۇ قۇيۇلىدۇ. شورپا قاينىغاندىن كېيىن، شورپىغا بىر تەرەپتىن ھەر خىل ماتېرىياللارنى سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جۈخۇار گۈلى سېلىپ، پىشقاندىن كېيىن گۆش بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.
  فۇجىيەننىڭ سەككىز تەم ساماۋەر شورپىسى:
  ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سەككىز تەم ساماۋەر شورپىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چۈەنجۇلۇق لىن خوڭ دېگەن كىشى يازغان «شەپەقنى ئېلىپ بېرىش» ناملىق كىتابتا، سەككىز تەم ساماۋەر شورپىسىنىڭ ۋۇيىشەندىن كەلگەنلىكىنى يازغان. لىن خوڭ يەنە لىنئەن يەنى ھازىرقى خاڭجۇلۇق شائىر ياڭ يوڭزەينىڭ ئۆيىدىمۇ سەككىز تەم ساماۋەر شورپىسىنى يېگەنلىكىنى يازغان. شۇنىڭ بىلەن، بەزى كىشىلەر سەككىز تەم ساماۋەر شورپىسىنى جېجىياڭنىڭ تامىقى دەپ قارىغان. فۇجىيەنلىكلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتىدە، سەككىز تەم دېگەن سۆز: توخۇنىڭ تاشلىقى، كالا قېرىنى، يېڭى ئويستېر قۇلۇلىسى، يېڭى يەلكەن بېلىقى، خام بېلىق، يېڭى راك، ئورۇق گۆش قاتارلىقلارغا «تۆت خىل كۆكتات»، يەنى، كەرەپشە، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، پىشۇرۇلغان قىشلىق بامبۇك نوتىسى، سۇدا كۆپتۈرۈلگەن پۇراقلىق گۈمبەمەدەك قاتارلىقلاردىن سەككىز خىل تەملىك ساماۋەر شورپىسى تەييارلاشنى كۆرسىتىدۇ.
    ساماۋەر شورپىسى مەززىلىك تاماق بولۇپلا قالماي، يەنە يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيەت مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭى مەزمۇنلارنى ئاتا قىلغان. ساماۋەر شورپىسى يېگەن ۋاقىتتا، ئەر- ئايال، قېرى- ياشنىڭ ھەممىسى ھورى چىقىپ تۇرغان قازان ئەتراپىغا ئولىشىپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق پىكىرلىشىپ، قىزغىن ۋە دوستانە كەيپىياتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىناق، ئىتتىپاق بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
  شەرقىي شىماللىقلار مېھمان كۈتكەندە، ساماۋەر شورپىسىنىڭ كۆكتاتلىرىنى تىزىشتا ئالاھىدە قائىدىسى بولۇپ، ئالدىغا قۇشلارنىڭ گۆشىنى، كەينىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭكىنى، سول تەرەپكە بېلىقنى، ئوڭ تەرەپكە راكنى، تۆت ئەتراپىغا كۆكتاتلارنى تىزىدۇ. ئۇچار قۇش گۆشى تۈرىدىكىلەرنى ساماۋەر شورپا قازىنى ئوچىقىنىڭ ئالدى ئۇدۇل تەرىپىگە تىزىدىغان بولۇپ، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ساماۋەر شورپا قازىنىنىڭ كەينى تەرىپىگە، سول تەرىپىگە بېلىق تۈرلىرىنى، ئوڭ تەرىپىگە راك تۈرلىرىنى تىزىدۇ. تۈرلۈك كۆكتات توغرالمىلىرىدىن ئانچە- مۇنچە ئارلاشتۇرۇپ تىزغاندا، «تالاي يۇلتۇزلار ئاينى ئوراپ تۇرغاندەك» تەسىر بېرىپ، مېھمانغا قارىتا ئىززەتلىگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. ناۋادا مېھماننى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا: ئىككى ئالاھىدە يوغان گۆش كۇمىلىچىنى ساماۋەر شورپا قازىنىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، كەينى تەرەپكە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى تىزىپ قويىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى بولسا، بۇ يەردىن كېتىپ قېلىڭ، دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ. 
     چوڭچىڭدىمۇ ساماۋەر شورپىسى ئىستېمال قىلىشنىڭ قائىدىلىرى بار. ساماۋەر شورپىسى قازىنىنىڭ ماتېرىيالى ئادەتتە ئەڭ ئەقەللىي خۇرۇچلار بولغان پىياز ۋە سامساق، كۈنجۈت يېغى قاتارلىقلاردىن تاييارلىنىدۇ. بۇنداق تەييارلانغان ساماۋەر شورپىسىنىڭ تەمى ھەقىقىي ئەسلى ماتېرىيال، ئەسلى تەم بولغان بولىدۇ. شورپا، كۆكتاتنى يېيىشكە بولغان تەلەپمۇ ئالاھىدە بولۇپ، ئالدى بىلەن تۈكلۈك قېرىن، ئۆردەك ئۈچىيى قاتارلىقلار يېيىلىدۇ. پىشۇرغاندا چالا پىشقان ھالەتتە ئېلىنغان كۆكتاتلارنىڭ تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. مېھمانلارنى كۈتۈۋالغاندا ياكى دوستلار يىغىلىشى قىلغاندا، بىر ۋاق ساماۋەر شورپىسىغا چوڭچىڭلىقلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاڭشاۋبەي ھارىقىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش-- چوڭچىڭلىقلارنىڭ ئوتتەك قىزغىن مىجەزىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. تەيۋەندىكى كېجىيالىقلار كۆپىنچە چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ساماۋەر شورپىسى ئىستېمال قىلىدۇ، ساماۋەر شورپىسىنىڭ ماتېرىيالى ئاز دېگەندە يەتتە خىل بولىدۇ. بۇلار كەرەپشە، سامساق، پىياز، كۈدە، گۆش، بېلىق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى: «چاققان، چېچەن، ئەقىللىق، يېقىشلىق، بەخىتلىك، باياشاد بولۇش» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى