قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىز بالىڭىزنىڭ كىتابخۇمار بولۇشىنى خالامسىز؟

2018-04-20 18:25:21     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

بالىڭىزنىڭ كىتابخۇمار بولۇشىنى خالىسىڭىز ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېقىڭ:
بىرىنچى، ھەر كۈنى ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب ئوقۇڭ، 15 مىنۇتتىلا بالىڭىزغا ئىككى كىتابنىڭ ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز، ئۇخلاشتىن ئىلگىرىكى ھېكايە ئېيتىپ بېرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىڭ.
ئىككىنچى، كىتاب ئوقۇشنى ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ دەم ئېلىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇڭ.

ئۈچىنچى، بالىڭىزنى كىتابخانا ياكى كىتاب كۆرگەزمىسىگە ئاپىرىپ، كىتاب كۆرۈش، تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىڭ. بالىڭىزغا سوۋغات بەرمەكچى بولسىڭىز، كىتاب سوۋغا قىلىشنى ئويلىشىڭ.
تۆتىنچى، بالىڭىزغا ماس كېلىدىغان ئوقۇشلۇق ئېلىپ بېرىڭ. ئالايلى، ئۈچ ياشلىق بالىلارغا خەت ۋە رەسىملىرى چوڭ، رەسىم بىلەن خەت بىرلەشتۈرۈلگەن، چۈشىنىشلىك، بىر بەتتە بىر رەسىمى بار كىتابلارنى ئېلىپ بېرىڭ.


بەشىنچى، ئازادە كىتاب ئوقۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە كىتابنى بالىڭىز ئاسان ئالالايدىغان يەرگە قويۇڭ. بالىڭىزنى كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇشقا ئىلھاملاندۇرۇڭ. بىر كىتابنى ھەربىر قېتىم ئوقۇغاندا ئالغان تەسىراتى ۋە ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئالتىنچى، بالىڭىزغا كىتابتىكى بىلىملەرنى جانلىق ئىشلىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ. مەسىلەن: ساياھەتكە چىققاندا بالىڭىزنىڭ پىكىر بايان قىلىشىغا يول قويۇپ، كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىسى ئىنتايىن كۆپلۈكىنى بىلدۈرۈڭ.
يەتتىنچى، شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىڭىزنىڭ ئۆيىگە كىتاب جازىسى قويۇپ بېرىڭ ھەم بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كىتابلارنى تىزىپ قويۇڭ. بالىڭىز كىتابتىن ئايرىملىسۇن.



سەككىزىنچى، بالىڭىزغا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنى توختىتىپ قويماڭ. بالىڭىز كىتابنى ئۆزى ئوقۇيالايدىغان بولغاندىمۇ بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ.
توققۇزىنچى، بالىڭىز مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن كۆرىدىغان كىتابى كۆپىيىدۇ. بۇ چاغدا بالىڭىزغا ئۆيىڭىزگە يېقىن يەردىكى كۇتۇپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىپ، بالىڭىزنىڭ كۇتۇپخانىدىكى كىتابلاردىن قانداق پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى